ساقلىدىم

         ساقلىدىم
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

تالاي كېچە ، ئاي پاتقىچە ساقلىدىم ،
سۈرۈپ خىيال ، تاڭ ئاتقۇچە زارلىدىم ،
ھېچ يوق خەۋەر ، ئەسرا بولدى تۇيغۇلار ،
بىر كەلمىدىڭ ، يولۇڭ قاراپ قاخشىدىم .

چۈشلىرىمگە ھەمراھ قىلىپ ساقلىدىم ،
پەرۋاسىزلا يۈرسىڭىزمۇ يانمىدىم ،
غېرىپلىقتا قېينالدىمغۇ كەلمىدىڭ ،
ھېچ بىلمىدىڭ ، لىكىن سەندىن چانمىدىم .

گۈللىرىڭنى پەرۋېش قىلغاچ ساقلىدىم ،
ئانچە - مۇنچە ياۋا گۈللەر تاقلىدىم ،
ئۆچمىدىغۇ يانغان ئوتلار چوغلۇنۇپ ،
بىر سەن ئۈچۈن ، يەنە بىرگە باقمىدىم .

بىلساڭ جانان ، چىن دىلىمدىن ساقلىدىم ،
مۆلدۈرلەرگە پەرۋا قىلماي ساقلىدىم ،
ئۆلۈپ كەتمەي ئارمانلاردا ، بىل نىگار ،
ئايلار پېتىپ ، تاڭ ئاتقۇچە ساقلىدىم .

بۈگۈن يەنە مۇڭغا پېتىپ ساقلىدىم ،
ھېچ كەلمىدىڭ ، تۈنتەڭگىچە ساقلىدىم ،
ئويغان ئەمدى چۈشلىرىڭدىن ئەي نادان ،
ئۈزمەي ئۈمۈد ، بۈگۈنگىچە ساقلىدىم .
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589




     





144 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-6 19:46:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ