سۆيگۈ قەپىزى
ئاپتۇرى؛ ئابدۇرسۇل ئەزىز
ئاينىڭ ئورنىنى يولتۇز باسالماس،
كۈننىڭ نۇرىنى ئىتەك ياپالماس.
ۋۇجۇدۇمدا شۇنداق مۇھەببەت،
سىنىڭ ئورنۇڭنى ھىچكىم ئالالماس.
قاچان كۆيدۈم بىلمەيمەن ئۈزۈم،
ئاشىق ئوتىدا كۆيدۈرگەن ئۈزۈڭ.
ئەتراپىمدا كۆپ قىزلار بولسىمۇ ،
سەندىن باشقىنى كۆرمەيدۇ كۆزۈم.
ئەسلىدە بۇ ئوت ئۆچمەيدىكەن،
باشقىغا ھەرگىزمۇ كۆچمەيدىكەن.
ئادەم شۇنچىلىق قەيسەر ئىكەنكى،
شۇ ئوتتا قىينىلىپ يا ئۆلمەيدىكەن.
ھەرقانداق كىشىگە ئۆز يارى تاتلىق،
يارى يوق ھەر كۈنى ئاشىققا ئاچىق.
مۇھەببەت ئۆتكىلى گويا ئىنتاھان،
شۇ يولدا يىتىملىك ھەممىدىن قاتتىق.
مۇھەببەت تەلىيىڭ كەلسە بىر كۈنى،
يوقاتما قەدىرلە سۆيگىن ھەر كۈنى.
تاشلاپ كەتسە سۆيگىنىڭ سىنى،
كىلىدۇ كۆزۈڭگە ياشنىڭ كەلكۈنى.
سۆيگۈ قەپىزگە سولانساڭ ئەگەر ،
ئۇ دەيدۇ سىنى بىچارە باي قۇش.
سەن رازى ئۇنى قەپەزدە كۆرۈپ،
بۇنىڭغا خالىغان قۇلى سەن بۇلۇش.
ئاشىقلار ۋىسالغا يەتسىكەن دەيمەن،
مۇھەببەت گۈللىرى ياشنىسا دەيمەن.
ھەر كۈنى تىنىچ تۇرغانمىدۇ دەپ،
ئويغۇنۇپ سىنىڭلا غېمىڭنى يەيمەن.
ئۆمرۈم يەتكىچە ئۆمرىڭگە سىنىڭ،
يەنىلا دەيدىغىنىم سىنىلا سۆيىمەن.
2015-يىلى7-ئاينىڭ 19-كۈنى
129 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 2:09:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|