كىچىدىكى تىلەمچى بالا
ئايدىڭ كېچە شۇنچىلىك يارقىن،
بەرسە دەيمەن ماڭا مېھرىنى.
ئەللەيلىتىپ ئانامدەك گويا،
يۈزلىرىمگە ياقسا مەڭزىنى.
قول تۇتۇشۇپ ئاشۇ ئاي بىلەن،
سەيلە قىلسام يۇلتۇزلار ئارا.
ئۇنتۇپ كەتسەم ئازاپلىرىمنى،
شادلىق قۇچاق ئاچاتتى ماڭا.
ئۇخلاپ قالسام ياكى بىر نەپەس،
ھىچنىمىنى تۇيمىسا يۈرەك.
چۈشۈمدىكى گۈزەل مەنزىرە،
بەرسە ھەمدە بەخىتتىن دېرەك.
لىكىن شۇ تاپ ماڭا بۇ زۇلمەت،
پەقەت سوغۇق بولماقتا ھەمرا.
تەلمۈرمەن ئىللىق ئۆيلەرگە،
تىترەر قۇلۇم ، دىلىمدا يارا.
پەرىشتىلەر كەلمەيدۇ نىچۈن،
كۆزلىرىمدە غۇۋا بۇ دۇنيا.
دەيمەن گاھى ئاشۇ جەننەتتە،
قوينىڭغا تېز ئالساڭچۇ ئانا.
--م ، ئىزچى
168 قېتىم كۆرۈلدى | izqi1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 9:44:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|