مىنىڭ تۇرمۇشۇم
شۇنداق، ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق -سوغوقلارنى باشتىن كەچۈردۇ! 80-يىللاردا تۇغۇلۇپ ئاز-كەم ئوتتۇز بەش ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇ ئۆمرۈمدە نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، تەقدىر ئادەمنى مۇشۇنداق سىنامدۇ، يا؟ ئىختىيارسىز مۇشۇنداق سۇئاللار بېشىمنى چارچىتىدۇ. بۇندىن 13 يىل مۇقەددەم رەخمەتلىك دادام مىنى چۇقۇم ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ، كەلگۈسىدە ئۆز كۈنىنى ئۈزى ئالالايدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن يۈك بۇلۇپ قالماي جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولسۇن دەپ، كىچىلىرى ئۇخلىماي مەن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئارزۇ- ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ ممەن ئۈچۈن پايپىتەك بۇلۇپ يۈرگەن كۈنلەردە رەھىمسىز تەقدىر ئاتا- بالا ئىككىمىزنى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىدى، شۇ دەقىقىلەردىن باشلاپ يۈرۈكۈم ئۆرتىنىپ بۇ ھاياتتىن، بۇ ھاياتتىكى كەلگۈسىدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزگەن ئىدىم، بىراق يەنىلاى مماڭا يار يۈلەك بۇلدىغان مىنى بۇ دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلدىغان مىھىربان ئانام ماڭا يار يۈلەكتە بۇلۇپ، ررەھمەتلىك دادامنە مىنى يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ھەتتا نۇرغۇنلىغان قەرىزلەرگە بۇغۇلۇپ دىگۈدەك مىنى ئالى مەكتەپكىچە ئۇقۇتتى،شۇچاغلاردا مەن بۇلارغا ئانچە ئېرەن قىلىقىلىپ كەتمەپتىكەنمەن، كىيىن ئويلاپ باقسام، ئاتا-ئانىنىڭ بۇ دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىيالايدىغان نە قەدەر سۈيۈملۈك، نە قەدەر ئۇلۇغ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتتىم، مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئالى مەكتەپمۇ پۈتۈپ قالدى، كۆڭلۈمدىكى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدىم، ئاناممۇ مىنڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن خۇشال بۇلۇپ مەن ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ كۈتۈۋالدى،.....كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە،بىر يىل ئۆتتى، ئىككى يىلمۇ ئۆتتى ، ئەپسۇس قېنى شۇ كۆڭۈلدىكى خىزمەت، قېنى جەمئىيەتكە ياراملەق ئىقتىساس ئىگىس، بۇلارنى ئويلىسام ئاتا-ئانامغا جاۋاپ بىرىشتىن تۇلىمۇ خىجىل بۇلىمەن، كىم مىنى ئالى بىلىم يۇرتىدا مىڭ بىر جاپادا ئۇقۇۋاتقاندا، شۇ بىلىمنىڭ قەدىرگە يەتمىسۇن، دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈشنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولسۇن دەپتىكەن، مۇشۇلارنى ئويلىسام خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلۇپ كىتىمەن، بىراق يەرگە كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ پەرزەنىت ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن ئاتا-ئانامغا جاۋاپ قايتۇرالامدىم ؟ ياق -ياق بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۇقۇم چىشنى چىشلەپ ئۈمۈتۋار بۇلۇش كىرەك، شۇ ئەسنادا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت بولمىغانلىقتىن شۇ جاپاكەش ئانامغا يەنە ئېغىرچىلىقىمنى سېلىشتىن نۇمۇس قىلدىم، گەرچە خىزمەت تاپالمىغان بولساممۇ ئانام ماڭا بىر قېتىممۇ تەنە قىلىپ باققىنى يوق،يەنىلا ماڭا مەدەتكار بولدى،مەن پۇل تېپىپ ئۆز كۈنۈمنى ئېلىش ئۈچۈن ئېغىر -يىنىك ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى غەملىدىم،يىل ئۈتۈپ ئايلار ئۈتۈپ ئاخىرى بىر كىشىلىك خىزمەتمۇ تاپتىم، ئۈزۈم خۇشال بولغاندىن سىرت بىچارە ئاناممۇ چەكسىز شاتلىققا چۆمدى، ئەلۋەتتە مىنىڭ جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىرىشكەنلىكىمدىن خالاس. ......جېنىم ئاتا، جېنىم ئانا! سىلەر پەرىشتە كەبى ئۇلۇغ ئىنسانلار، سىلەر مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلار، مەن سىلەرن مەڭگۈ ياخشى كۈرمەن !!!!!!
--قەلىپ سىرى
152 قېتىم كۆرۈلدى | kalipsiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 23:18:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-6 23:23:32 | gulpiya |
مەزمۇنى ياخشى بۇپتۇ،لىكىن قىسقا يېزىلىپ قاپتۇ. |
2015-8-6 0:43:31 | H |
gayrat kiling puxayman kilix ka bumaydu ...adam hataliktin mustasna amas gap togursini izdinix tugursiga kaytix....sizga gayrat tilax bilan birga ixliringizning kunguldikidak bulixiga tilakdaxman ...xundahla aningizga salamatlik dadingizga jannat tilayman.. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|