مېنىڭ شۇنداق ئانام بار
جامالىدىن يۈسۈپ يانار
سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ
ئوغلۇم دەپ غەمگە پېتىپ
ماڭا ئىسسىق ئاش ئىتىپ
بېرىدىغان ئانام بار
مەن كەلگىچە سەپەردىن
ئامان بول دەپ خەتەردىن
تىلەپ ئۇلۇغ ئىگەمدىن
يىغلايدىغان ئانام بار
خوشال بولغان چېھرىمنى
شانۇ-شەۋكەت تەختىمنى
كۆرۈپ مېنىڭ بەختىمنى
كۈلىدىغان ئانام بار
مېھىر بېرىپ زارلاتماي
ئۆزگىلەرگە خارلاتماي
يېتىملىكنى چاندۇرماي
باقىدىغان ئانام بار
ساغلام تىمەن ياشلاردەك
قەددى خۇددى تاغلاردەك
كۈتەر مېنى شاھلاردەك
مېنىڭ شۇنداق ئانام بار
2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17كۈنى تۇرپان شەھىرى
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
94 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-18 21:25:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|