ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى
ۋاپاسىزنى ئۇنتۇش ئۇچۇن تاللىدىم سىنى،
سەن ھەر ۋاقىت جاسارەتلىك قىلدىڭ مىنى.
سۆيىمەن دىسەم، مەنمۇشۇ دىگىنىڭ قىنى،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
دىلىمدا ئەمەس تىلىمدا سۆيىمەن دىسەم،
يالغاندىن قولۇمدا يىشىڭنى سۇرسەم.
ئىشەندىڭمۇ ھەممىگە گىپىڭنى يىسەم.
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
سىنى مەن ئۆزۇمگە ئويۇنچۇق قىلىپ،
سۆيىمەن دەپ يالغاندىن ناخشىغا ئىلىپ.
يۇركۇڭگە دەرت ئازاپنى ئايىماي سىلىپ،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
ئەسلى مەن ساڭا ئىشەنمەيتىم سۆيمەيتىم،
سىنىڭ ئوت لىرىڭدا ئەزەلدىن كويمەيتىم.
ئىشەن مىسەڭ سىنىڭ بىلەن يۇرمەيتىم،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
سەن ئۇچۇن ئەمدى كىرەي ئوت دىڭىزغا،
تۇيۇق يولنى تاشلاپ ئەمدى يۇردۇم ئىڭىزغا.
قاچانمۇ يىتىپ باراي جانانىم قىشىڭغا،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
بۇرۇن سىنى سۆيگەن ئىدىم تىلىمدا،
ئەمدى سۆيدۇمغۇ چىن قەلىپ دىلىمدا.
كۆيۇپ كۇل بولارمۇ مۇشتەك يۇرەك ئوتۇڭدا،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
باغرىمغا باساي ۋەسلىڭنى سەن قىنى،
ئوتقا سىلىپ پۇشلىمىغىن بۇ يۇرەكنى.
كەچۇرگىن جانانىم كەچۇرگىن مىنى،
ئەمدى يۇرەكدىن سۆيۈپ قالدىم مەن سىنى.
يازغۇچى: ئابىدۇساتتار باشلان
QQ: 1911693651
192 قېتىم كۆرۈلدى | baxlanhulja | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 17:22:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|