سۇلغان چىچەك
(شېئىر)
پاتىمە تۇرسۇن
شۇنچە ئوماق ئىچىلغان چىچەك،
نازۇك ئىكەن ئەسلى بەرگىسى.
ئۇچۇپ كەتتى كۆزئالدىمدىلا،
قالدۇرۇپ مىۋە ئۆزگە بەلگىسى.
ھىدنى سوراپ يۈرەتتىم باغدا
پۇراپ پۇراپ قانمايتتىم ئەسلا.
ھەر نەفەسكە كىرگەندە پۇرقى،
ئەس ھوشۇمنى بىلەتتىم تەسلا.
ئۇز چىچەكنىڭ رەڭگى ،ھىدىنى،
بارچە گۈلدىن ئۈستۈن كۆرەتتىم.
قالسىمۇ خۇش ھىدى يىراقلاردا،
نەفسىمدە باردەك يۈرەتتى.
شۇ تۇيغۇلار قەلبىمنى ئەزدى،
دىلخانەم غىرىبلىققا تولدى.
ئۇنىڭسىز تاپمىدىم ھىچ مەنا،
گۈزەل پەسلى باھارىم سولدى.
باغلار ئارا يۈرىمەن ھەرتاڭ،
شۇ چىچەكنى سىغىنىپ ئەسلەپ.
شۇ قالدۇرغان ئەزىز مىۋىنى،
پەرۋىشلەيمەن دائىما ئىشلەپ.
يەكەن 2017 4-ئاپرىل
57 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىمە تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 11:12:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|