خەجلىدۇق
سەيپىدىن ئامۇت
خەجلىدۇقلەرخەجلىدۇق ئەل مالىنى خەجلىدۇق،
يانچۇق ياساپ تويمىغۇر قارنىمىزغا خەجلىدۇق.
زەرداپ بولدى تىنىشلەر جالاقشىيدۇ كىشەنلەر،
دوست دېسەكۈلگەن بولۇپ ئىشەنچىنى خەجلىدۇق.
جان دىل بىلەن تاراشلاپ زەرچەئابرۇيدىن ھۆسىن،
كەل-كەلگە نايناقلىشىپ گۈزەللىكنى خەجلىدۇق.
مال-دۇنياغاھېرىس تامام تاپماقى بولدى نىشان،
شۇ ئۈچۈن ئىزدەرۇ دان ئىبادەتنى خەجلىدۇق.
ئۆز قېرىنداش ئۆپكىسى يىدى شۇئۆزدىن پىچاق،
ھەممىمىز ئۆز جان بىلەن قانلىرىنى خەجلىدۇق.
بەزمىلەردە يۈرگەننى مەردانە يىگىت ئاتاپ،
نى-جەڭدە بولغان شىھېت ئاتىلارنى خەجلىدۇق.
بىر قولىدا بۈشۈكنى بىر قولىدا دۇنيانى،
تەۋرەتكەنتى ئانىلار ئىپپىتىنى خەجلىدۇق.
قول سۇنۇپ ھۆرمەت بىلەن مەلئۇنغابولدۇق شىرىك،
ئادەمنى ماتەم قىلىپ ۋىجدانىنى خەجلىدۇق.
خەجلىدۇقلەرخەجلىدۇق نەپسى تويماي خەجلىدۇق،
ئارمانى يېغلار قەۋىم ئىمانىنى خەجلىدۇق.
2015.31 ئىيۇل ئۈرۈمچى
161 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 8:27:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|