نەسىھەت
مەخمۇتجان (يەكەن)
كۆردۇم شۇنداق بەزى نادان يىگىتلەرنى،
ئۆزىنى ئەرچاغلار،يۇرەركەن بۇ دۇنيادا،
دەيدۇ تېخى«جان»دىسە پىدا بولىمەن ھەرۋاق،
جېنىدىن تانار بەلكىم،جان پىدا قىلار چاغدا.
ئويلاپ قويغىن ئاتالمىش ئەي "جان پىدا "ئوغلانلار.
كەلگەن ئىكەنمىز دۇنياغا ھامان بىركۇن كىتىمىز.
قىلمىغىنسەن مىللىتىڭگە ئاسىيلىق، ۋە يامانلىق.
قول چىقارساق بىريەڭدىن،يۇرتنى گۈلزار ئېتىمىز.
ياشلىقىم دەپ ئويناپ سەن يۈرۈپ كەتمە ئۆزەڭچە
قانائەتتىن شۈكرىدىن يىراق بولما ئالدىراپ.
يولدىن چىقما،قايت دەرھال،تاپقىن توغرا يولۇڭنى،
يېتىپ كەلسە ئەزرائىل،قالما كېيىن ھالسىراپ!
بەڭۋاشلىقنى تاشلىغىن،ياشاپ قويغىن مەنىلىك،
ئاز بولسىمۇ ئويلاپ قوي مىللىتىمنىڭ يۈزىنى.
قانداق باسساڭ سەن يولنى داۋام قىلار ئەۋلادىڭ،
ئەجدادىڭغا خائىن بوپ،ئۆچۈرمىگىن ئىزىنى!
ئويناپ كەلدىڭ ھاياتتا،تۆكمەي تامچە تەرىڭنى
ئويلان دوستۇم،تاپتىڭمۇ پايدا ئويۇن كۈلكىدىن؟
قانداق بولار ئەھۋالىڭ قېرىپ ھالدىن كەتكەندە،
كىممۇ يوقلار يانپاشلاپ كېسەل ياتساڭ كۆرپىدىن؟!
چ چ ؛3078730834
2017-يىلى-5-ئاينىڭ9-كۇنى كەچ
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت.
تەھرىردىن ئىزاھات: مىسرالارنىڭ تەكشىلىكى،قاپىيەلەرنىڭ دەل كېلىشى،مەزمۇندىكى تەكرارلىقلارنىڭ سادىر بولماسلىقىغا،ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ،ئەسلىسى بىلەن تەھرىرلەنفەن نۇسقىسىنى سېلىشتۇرۇپ،كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە ئۈلگە ئېلىڭ.
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
87 قېتىم كۆرۈلدى | مەخمۇتجان ئوبۇل(يەكەنى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 19:41:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|