ئاتۇش ئانارى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
تاشلىق زىمىن يۇرتۇمنىڭ ، شۇنچە ساپتۇر ھاۋاسى ،
ئىشچان خەلقىم ئەجرىدە ، زەپ ئوخشايدۇ ئانارى ،
كەلسە مېھمان يۇرتۇمغا ، ئاۋال ئانار سورىشار ،
قاچان يەيمىز ئانار دەپ ، ئۈزۈلمەيدۇ سۆزلىرى .
پىشىپ قالسا ئانارلار ، يۈرۈكىڭگە تېگىدۇ ،
يىگۈلىرىڭ كېلىشىپ ، شۆلگەيلىرىڭ ئاقىدۇ ،
مېھرى ئىسسىق بولغاچقا ، ئولاش چولاش يىيىشىپ ،
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ، ئارام-بەخش ئېتىدۇ .
مەي باغلىسا ئانارلار ، ئۈزۈپ قويما شېخىدىن ،
خۇشال كۈلۈپ بالىلار ، ئۈزۈپ باقسۇن بېغىدىن ،
ئانار شەربەت سۈيىنى ، كىلۇر ھەممە ئىچكۈسى ،
ھوزۇرلىنىپ ئىچكەندە ، رەھمەت ئېيتار دىلىدىن .
تېزرەك پىشسۇن ئانارلار ، سېغىندىغۇ بالىلار ،
تېتىپ بېقىپ تەمىنى ، خوشال كۈلسۇن بالىلار ،
ئىشتىھادا زوقلىنپ ، يېيىشكەندە ئانارنى ،
خۇرسەن بولۇپ باغۋەننىڭ،تەر-ئەجرىنى ماختىشار .
سىقىپ ئىچسەڭ ئانارنى ، شېرىن لەززەت تېتىيدۇ ،
ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، ئاتۇش خەلقى كۈلىدۇ ،
ئانار پىشقان چاغلاردا ، كېلىڭ دوستۇم ئاتۇشقا ،
ئىشچان ئاتۇش خەلقىمىز ، ئانار ئۈزۈپ بېرىدۇ .
،
يۇرتىمىزنىڭ ئانارى ، مىۋېلەرنىڭ سەردارى ،
تېتىپ باقساڭ ناۋادا ، بوپقالىسەن خۇمارى ،
شۇنچە شېرىن ھەم تاتلىق ، ئېغىز تېگىڭ ئانارغا
پەخىرلىنىپ ئەجرىدىن،ئاشقۇسى كۈچ مادارى.
ئاتۇش خەلقى مېھمان - دوست ، چوڭ - كىچىكلەر بىلىدۇ ،
كۈز بولغاندا بىر كېلىڭ ، كاتتا مېھمان قىلىدۇ.
يۈرەكلەرگە قان بولۇر ، ئانار يېسەڭ ئاتۇشتا ،
قەلبى چوغدەك خەلقىمىز ، سىزنى دوستى بىلىدۇ!
مۇھەررىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
34 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 16:07:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|