دادام

دادام

 

تاڭنۇر ھسامدىن (ئونيار)

 

دادا،دەپ يىراققا تەلمۈردۈم شۇنچە،

 خىيالچان كۆزلىرىم ساماغا تۇتاش.

 نە قىلاي كۈرمىدىم بۇلۇتتىن بىلەك،

 شىرىن چۈش بوپ قالدى مەندىكى تىلەك.

 

 كۈنلرىم غەمكىن كۈڭلۈم پەرشان،

 قالمدى خوشاللىق ۋە ياكى نىشان.

 گۈلمۇ ھەم كۆزۈمگە كۈرۈنمەس،

 گۈزەل سەن يوق ئۆيلەرمۇ قاراڭغو پىنھان.

 

 ئەتراپقا باقىمەن ئىزلىرىڭ ئىزدەپ،

 ئولتورغان ئۇ يەردە كىيىمى مانا دەپ.

 ئشەنگىم كەلمەيدۇ مەرھۇم دىسە خەق،

 بىر كۈنى يىراقتىن قايتىپ كىلەرمۇ دەپ.

 

 مەندىكى بۇ كۈتۈش خىيالدۇر پەقەت،

 كەتتڭغۇ جان دادا ئەبەدىل ئەبەت.

 كەلمەيسە بشمنى ئۇرساممۇ تاشقا،

 جەننەتلەر تىلەشتن ئامال يوق باشقا .





269 قېتىم كۆرۈلدى تاڭنۇر ھسامدىن (ئونيار) ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 15:51:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ