ۋاي توۋا
ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات)
يېقىن يارەن دوسلارنىڭ قېيدىشىغا ۋاي توۋا،
تۇنۇشمىغان تۇققانىڭ زارلىشىغا ۋاي توۋا.
يانچۇقىدا لىق ئاقچا «گادايلارغا»ۋاي توۋا،
ھارام مالغا سېلىنغان سارايلارغا ۋاي توۋا،
ئەتراپىدا گۈللىرى ئېچىلسىمۇ پورەكلەپ،
گۈلزارلىق نى ئىزدىگەن نادانلارغا ۋاي توۋا.
بۇغدايلىرى چېچىلىپ قېلىپ قالسا ئېتزدا ،
باغرىغا ئالغان ساماننى«خامان»لارغا ۋاي توۋا.
نەشتەرلىك شۇ ھەرىلەر ئۈتۈشسىمۇ ئىناق بۇپ،
ئادەملەرنى چېقىشقان نەشتەرلەرگە ۋاي توۋا.
ئەل-جامائەت ئالدىدا دوسلىرىنى مات قىلىپ،
يالغۇز قالسا خالىدا كەمتەرلەرگە ۋاي توۋا.
پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ ئىلگىرلىسە بىرلىرى،
گەپ تاپارغا تەيياربۇپ تۇرغانلارغا ۋاي توۋا.
زالالەتكە گۇمراھقا كىرىپ قالسا بىرلىرى،
خۇشال بۇلۇپ چاۋاكنى ئۇرغانلارغا ۋاي توۋا.
ئەنئەننى قالاق دەپ چەتنىكىگە يۈگۈرگەن،
قارغۇلاچە چۇقۇنغان قابىلارغا ۋاي توۋا .
ئۆز تىلىنى بىلمەيدۇ ئۆزگە تىلىنى ھەم شۇنداق،
ئەبجەش تىلدا سۆزلىگەن «ناتىقلارغا »ۋاي توۋا .
ئەسكەرتىش : بۇشېئىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇستازنىڭ شېئىرغا.تەقلىد قىلىنمىدى. پەقەت تىما بىر توغرا چۈشۈنۈڭلار . تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر. 2015/12ئاۋغۇسىت(كەچ)دىيارى ئاۋات ئۈندىدار1410037590/ihsan571633
185 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-13 0:25:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|