ئاشىق پۇشايمىنى
يۇسۈپجان (باشلامچى)
يېگىت قىزغا ئاشىقى ئىكەن،
قىزنىڭمۇ يېگىتكە مەيلى بارئىكەن.
ئېيتالماي بۇ يېگىت كۆڭلىنى قىزغا،
يۈرەكلەر ئازاپتىن قېيلىنار ئىكەن. . .
تاماقلار ئۆتمەپتۇ گېلىدىن قىزنىڭ،
چاندۇرماي ئۆتۈپتۇ، كۆيسىمۇ بىراق
چىدىماي قىز لېكىن كۈندە كۆپ يىغلاپ،
يىگىتكە تەلمۈرسە بۇ يىگىت يىراق. . .
بۇ قىزنىڭ ئېيتقۇسى باركەن كۆڭلىنى،
يېگىتكە تۆككىسى باركەن دەردىنى.
غورورى يول قويماي قىيناپتۇ ئەجەپ،
ئەلچىلەر كەلسىكەن بەرسە ئەھدىنى. . .
يىگىتمۇ سۆيەتتى قىزنى يۇشۇرۇن،
سۆزىنى ئېيتىدۇ شۇنچىلىك يۇچۇن.
راس گەپنى ئېيتالماي بىچارە يىگىت،
كۆرسەڭ سەن ھالىنى شۇنچىلىك سۇلغۇن. . .
تەقدىرنىڭ چاقچىقى بەكمۇ ئېغىركەن،
كۆتۈرەلمەي ئىنسانلار يېغلاپ قالاركەن.
بۇ ئىككى ئاشىققا ئۇچىرغان سىناق،
ئىنسانغا ھەقىقەت ئېغىر كېلەركەن.
ئەلچىلەر كەلدىغۇ قىزنىڭ ئۆيىگە،
تەييارلىق باشلاندى قىزنىڭ تويىگە.
قارشىلىق قىلسا قىز ئامال بولمىدى،
بىر كاچات سالدى دادا، قىزنىڭ يۈزىگە.
يىگىتمۇ ئازاپتىن تېڭىرقاپ قالدى،
كاللىسى قۇپقۇرۇق چارىسىز قالدى.
تەلەپنى شۇ قىزغا ۋاقتىدا قويماي،
چوڭ داستىخان كۆتۈرۈپ تويىغا باردى.
2015.يىلى 9.ئاي (شەنبە)
ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتمەي پۇشايماندا قالغان يىگىتلىرىمىزگە تەقدىم...
157 قېتىم كۆرۈلدى | baxlamqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-15 0:56:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|