ئاياللار
(بارلىق ئاياللارغا بىغىشلايمەن)
ئاپتۇرى : مەخسۇم ھىپىز(ئاققاش)
ئۆينىڭ گۈلى بۇلبۇلى سىز ئاياللار ،
ئەلنىڭ ئۇلى بىر گۈلى سىز ئاياللار ،
ئەۋلادلارنىڭ ئۇستازى سىز ئاياللار ،
ئەرنىڭ تونى يۇلتۇزى سىز ئاياللار ،
ۋەتەن نۇرى قۇندۇزى سىز ئاياللار .
سىز بولغاچقا ئۆيلەر نۇرلۇق تۇرىدۇ ،
سىز بولغاچقا ئەرلەر پاكىز يۈرىدۇ ،
سىز بولغاچقا ئەۋلاد ئەلگە كۆيىدۇ ،
سىز بولغاچقا ئۈمىد نۇرى يورىيدۇ ،
كېلەچەكنىڭ يېتەكچىسى ئاياللار .
تۇغۇلسا گەر ھەر بىر ئۆيدە قىز بوۋاق ،
پاكىزلىقمۇ بىللە كىلەر خۇش-پۇراق ،
شادلىنىپ كېتەر ئۆيدە چىنە-ئوچاق،
گۈل چېچەكلەر شادىمان ئاچار قۇچاق ،
گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى سىز ئاياللار .
ئاياللاردا كۆپ بولغاچ مەجبۇرىيەت ،
جاننى تىكىپ تۇغۇتقا قىلار جۈرئەت ،
بار يەنە ئۇنىڭدا چەكسىز ،قابىلىيەت ،
بۆشۈك ۋە دۇنيانى تەڭ تەۋرەتكىدەك ،
مەۋجۇتلۇقنىڭ بەلگىسى سىز ئاياللار . …
2017-3-8
99 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-15 19:45:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|