سەن كېتىپ
باغلىرىمدا گۈللەر قۇرىدى سەن كېتىپ ،
پىغان كۆڭلۈم ئېچىلمىدى سەن كېتىپ ،
يوقاپ كەتتى چېھرىمدىكى كۈلكىلەر ،
باھار پەسلىم غازان بولدى سەن كېتىپ .
تۇلۇن ئايغا قاراپ بىللە ئولتۇرغان ،
قول تۇتۇشۇپ يۇلتۇزلارنى ساناسقان ،
پاك كۆڭلۈمگە سەن سۆيگۈنى تاشلىغان ،
ئاشۇ تۈنلەر ئۆتمۈش بولدى سەن كېتىپ .
قانچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى تەلمۈرۈپ ،
سۆيگەن يايرىم سېنىڭ ئۈچۈن زارلىنىپ ،
يۈرەك باغرىم ئېزىلدى ھەم سېغىنىپ ،
دىلىم سۇندى ئەي رەنايىم سەن كېتىپ .
ئەستىن چىقماس بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىم ،
بەخىت پەيزى سۈرۈپ يۈگەن چاغلىرىم ،
ئەسلەپ دائىم تۆكىلىدۇ ياشلىرىم ،
قالدىم دەرتتە ئەي دىلدارىم سەن كېتىپ .
- د .قەلبىدىن 2015.8.22
276 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-1 10:40:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|