سەن گوياكى مىھىرلىك ناخشا
باھارگۈل ئىبرايىم
بار سىنىڭدە مىھىرلىك كۈلكە،
بەزلەپ يۈرەر مىسكىن دىللارنى.
ساخاۋەتتۇر سىنىڭ نىشانىڭ،
مىھىر بىلەن سىقىش قوللارنى.
بار سىنىڭدە مىھىرلىك ناخشا،
مىھىرسىزغا مەڭگۈ ئاڭلانماس.
مىسكىنلەرگە مىھىر بېغىشلاش،
داۋاملاشقاچ قەلبىڭدە تىمتاس.
بار سىنىڭدە ئۆكسىمەس شېئىر،
قات-قېتىغا مىھىر يېزىلغان.
مىھىرلىرى چىچەكلىگەچ ئۇز،
مىسكىنلەرگە دەستە تىزىلغان.
2015-يىل سىنتەبىر باي
171 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-5 2:01:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|