ئانامغا سۆز
ئىباگۈل راخمان
تالاي كۆپ يىللارنى قويدۇڭ ئۇزىتىپ،
گۈل كەبى چېھرىڭمۇ سارغايدى ئانا.
سۆزلىرىڭ قولاشماس ،قەدىمىڭ روھسىز،
مۇھتاجسەن شۇنچىلىك مېھرى -ۋاپاغا.
ئويلايسەن ھەر دائىم ئەزىز بالاڭنى ،
ئانىچۈن پەرزەنتىن ئارتۇق كىممۇ بار.
ۋە لېكىن سەن دائىم قالىسەن يالغۇز،
ئويلسام كۆزۈمدىن ئەگىيدۇ ياشلار.
قارايسەن قايسىبىر بالام كىلەر دەپ.
ئۇلارسىز خۇش ئۆتمەس بىرەر ۋاق تاماق.
ياتىسەن ياستۇقۇڭ قولۇڭدا ئەمما،
كۆزلىرىڭ شۇ قەدەر ئويقۇدىن يىراق.
كەپ قالسا بىر بالاڭ كېتىسەن خۇش بوپ ،
مۇڭداشقۇڭ كېلىدۇ ھالىڭنى ئېيتىپ .
ئالدىراش دەپ دائىم قالىدۇ كېتىپ ،
ئۇ كەتكەن يوللاردا قالىسەن قېتىپ.
چۈشەندىم جان ئانا يەتتىم قەدرىڭگە ،
سېنىڭسىز بۇ ئالەم مەن ئۈچۈن زۇلمەت.
ئاقلايمەن ئەجرىڭنى ئەجرىم بىلەن ھەم ،
بەرگىن سەن قىزىڭغا ئۈمىد ۋە مەدەت.
باي ناھىيە داۋانچى دوختۇرخانىدىن
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
110 قېتىم كۆرۈلدى | ipargl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:35:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|