520–كېچە

    520–كېچە

 

ئابدۇقەييۇم غېنى كۆكيال

 

بۇنى سۆيگۈ كېچسى دەيدۇ،
ھېچ سۆيگۈدەك بىلىنمەيدۇ ئاھ.
بۇ ئاشقنىڭ بىر چۈشى دەيدۇ،
تەبىرى يوق چۈشمىدۇ بۇندا..

 

قول تۇتۇشۇپ ئۇچقان تورنىلار،
چۇقان سالار غېرىپ كېچىلەر.
باھار سۆيگەن شۇ ناتۋان قىز
تۈن قوينىدىن چۈشتەك تۆكۈلەر..

 

بۇنى ئىشىق قامچىسى دەيدۇ،
قەلىبلەرگە تەككەن تاراسلاپ.
بۇ مۇھەببەت كوچسى دەيدۇ،
نە مۇھەببەت، ئەسلىي ئۇ ئازاب.

 

ھېس قىلدۇ، بىلىدۇ يۈرەك ،
سۆيگۈ نىمە، مۇھەببەت نىمە؟
بۇ مۇھەببەت تەبىرى ئىمىش،
بۇمۇ ئەسلىي ئەمەس ھېچنىمە.

 

2015-يىلى      23 فىۋىرال

  





306 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇقەييۇم غېنى كۆكيال ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 22:03:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ