دۇنيا

دۇنيا

 

( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )

 

گۇل ئىكەن دەپ قول ئۇزاتسام چىرايلىق گۇلگە ،

 تىكەنلەرنى سانجىپ قولغا قاناتتىڭ دۇنيا .

 دوسلىرىم جىق بەزىسى راس بەزىسى تۇلكە ،

 بىر ياخشىغا بىر ياماننى ياراتتىڭ دۇنيا.

 

 بەش قول كەبى تەڭ ئەمەستۇر سىنىڭ ئىشلىرىڭ ،

 بىرنى گاداي بىرنى باي ياراتتىڭ دۇنيا .

 كۈندە باھار ئەمەسكەن بار ھەم قىشلىرىڭ ،

 بىر كۈلگەنگە بىر يېغا تاراتتىڭ دۇنيا .

 

 بىراۋلارغا بەخىت بىرىپ ئامەتنىمۇ تەڭ ،

ھەممەيلەننى ھەۋەس بىلەن قاراتتىڭ دۇنيا.

 بىراۋلارغا بىرىپ كۈلپەت ئازاپنىمۇ ھەم ،

بۇ جاھاننى ھەجەپ تەڭسىز ياراتتىڭ دۇنيا .

 

 2015 . 08 .13 … ياسىنجان سەلەيئاخۇن





181 قېتىم كۆرۈلدى 18699977794 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 0:46:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ