ئانا

         ئانا

ئەي ئانا ، سەن مېنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزۇم ،
بارلىغىم تايانچىم ، قارچۇق قۇندۇزۇم .
ساقلىغىڭ تىك تۇرۇپ بەرگىنىڭ بەختىم ،
سەن جېنىم ھاياتىم ، كۆزۈم قارچۇغۇم .

جان ئانا ، سەن مېنىڭ بايلىغىم كانىم ،
مۇھەببەت نىشانىم غىمىم گۈلزارىم .
ئەجرىڭگە مېھرىمنى قىلىمەن تەقدىم ،
سەن ئۈچۈن چاپماقتا قەلەم تۇلپارىم .

جېنىم ئانا ، ئەجرىڭنى ئاقلايمەن چۇقۇم ،
بۇ سەندىن يۇقۇلغان يۇقۇملۇق ئۇقۇم .
گەر كېرەك بولسا  قان، يىلىك ياكى جان ،
سول قولغا بىلدۈرمەي سۇنار ئوڭ قولۇم .

ئاپتورى:مەخسۇم ھىپېز (ئاققاش)
ئۇندىدار:18509996475

2017-4-20
   

 تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

ئۇندىدار:qq1165181317 

مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589 

 


     





23 قېتىم كۆرۈلدى AKKAX ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-7 18:46:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ