ئاتام يوق
مۇھەممەدتوختى سەببەت
بايرام كەلدى مۇڭغا پاتتىم ئاتام يوق،
غېرىپلىقتا قوشاق قاتتىم،ئاتام يوق،
ئاتاسى بار دوست يارەنلەر شاد كۈلەر،
قەبرىسگە ئۆزۈم ئاتتىم،ئاتام يوق.
ئاتام ھايات بارىدا بەك شات ئىدىم،
بەيگىلەردە چېپىپ يۈرگەن ئا ت ئىدىم ،
ھەركۈن بايرام،ئازاپ-دەرتكە يات ئىدىم،
كۆز يېشىمدا ئۇزۇپ ئاقتىم،ئاتام يوق.
ئەركىلەيتتىم قۇچىقىدا تايچاقتەك،
كېسەل چىرماپ ياتسا بىلگەن چاقچاقتەك،
مانا بۈگۈن يىلتىزى يوق قامغاقتەك،
جەزىرىدە ھەريان چاپتىم،ئاتام يوق.
جەبرى جاپا بەلنى يادەك ئەككەندە،
قېرىلىقتىن تەندىن ماغدۇر كەتكەندە،
تېپىپ ئەقىل،بۇرچۇم ئاقلاي دېگەندە،
يۇمۇلدى كۆز،ھازا ئاچتىم ئاتام يوق.
ئاتام قەدرى زەپ ئۆتۈلدى،ئاتا بوپ،
ھاياتلىقنى داۋام قىلار شوتا بوپ،
پوشايماندا قېرىنداشلار،تاپا بوپ،
چاقتى كېسەل،بىتاپ ياتتىم ئاتام يوق!
ئۆتۈلەركەن يوقنىڭ قەدرى ئەجەپمۇ،
ئاچ قالغاندا توقنىڭ قەدرى ئەجەپمۇ،
زېمىستاندا ئوتنىڭ قەدرى ئەجەپمۇ،
مۇزلىدى تەن، ئوتنى ياقتىم ئاتام يوق!
پىغاندا مەن دۇئاسىنى ئالالماي،
نادانلىقتا،خىزمىتىنى قىلالماي،
ئۆرتىنىدۇ باغرىم،يېنىك تىنالماي،
سەۋدا باشقا توپا چاچتىم،ئاتام يوق!
2017-يىلى6-ئاينىڭ18-كۈنى
107 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-18 17:04:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|