ئانام بولسىدى
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
ئەجەپمۇ سىقىلدىم، مۇڭلارغا تولوپ،
تەىسەللى بىرەرگە ئانام بولسىدى.
كۆزيشم مارجاندەك ئاقتى ھۆل بولوپ،
يىشىمنى سۈرتەرگە ئانام بولىسدى.
سەپەرگە ئاتلانسام مەنزىل كۆزلەپ،
ئاق يوللار تىلەرگە ئانام بولىسدى.
داۋانلار ئاشالماي قالسام ئۆمۆلەپ،
ئالدىمغا كىلەرگە ئانام بولىسدى.
شەرەپلەر قۇچقاندا ئانام ئەجىردە،
ئامەتلەر تىلەرگە ئانام بولسىدى.
نامەرتلەر يارا قىلسا تېنمنى زىدە،
تىغىمنى بىلەرگە ئانام بولسىدى.
يەر ترىپ سۇ قويسام ئۈنمسە ئۇرۇق،
ئىتېزدىن ئۈنەرگە ئانام بولىسدى،
ئوغلۇمنىڭ ئەجىرى قالمسۇن قۇرۇق،
دەپ مەدەت بىرەرگە ئانام بولىسدى.
ئوت ياقسام ئوتونغا،يانمسا چوغۇم،
ئوتومنى پۈۋلەرگە ئانام بولىسدى.
مەنزىلدە يىقلىسام،تىېيىلسا پۇتۇم،
كۈچ بىرىپ يۆلەرگە ئانام بولسىدى.
ئۇخلسام ياستۇقتا قيسايسا بىشىم،
بىشىمنى رۇسلارغا ئانام بولىسدى.
دۇنيادا قانچىلىك،ئانىسىز يىتىم؟
ئانىسى يوقلارغا ئانام بولىسدى.
زەپ راھەپ،پەپىلەپ ئللق قوينىدا،
ئەللەيلەپ ئۇخلارغا ئانام بولىسدى.
ئانسى با ياشاركەن جەننەت ھويلدا،
شۇلارغا ئوخشارغا ئانام بولىسدى.
پۇشايمەن ئىچىدە ياشايمەن ئەمدى،
كەتكەندە«مانا»دەي،ئانام بولسىدى.
يامانكەن،بەك يامان يتىملىك دەردى،
ئاھ ئۇرۇپ «ئانا»دەي،ئانام بولسدى.
«ئانا»دەپ ئسەدەپ،قەۋرىگە بىرىپ،
باش ئۇرسام، قارارغا ئانام بولسىدى.
«مانا»دەپ پۈكۈلسەم باغرمنى يىرىپ،
(ئاھ!!!)قوينىغا ئالارغا ئانام بولسىدى.
2017-يىلى3-ئىيۇن(قارىتاغىز)
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
270 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-3 22:15:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|