دوستلۇق شۇنداق بولامدۇ

         دوستلۇق شۇنداق بولامدۇ
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

بال ھەرىدەك غۇژژىدە ، چېچەكلەرگە قونامدۇ ،
يېغىپ شېرنە شېكەرلەر ، شۇئان غايىپ بولامدۇ ،
قەھىرتانلىق سوغۇقتا ، خانەملىرىم ياد ئېتىپ ،
باھار چېغى بولغاندا ، شۇئان يۈتۈپ قاچامدۇ .

گۈل تېرىسام زوقلۇنۇپ ، پەرۋېش قىلىش بىلمەيدۇ ،
چېچەك ئاچسا گۈللىرىم ، قىسىپ باقاي گۈل دەيدۇ ،
قۇدۇق قازسام پەرۋاسىز ، كۆزى كوردەك ئولتۇرار ،
ئۇسسىغاندا ھالسىراپ ، سۈيۈڭ بولسا بەر دەيدۇ .

دەرت كەلسە يېغسىراپ ، دورا دەرمەك بەر دەيدۇ ،
ئۆتۈپ كەتسە ئازاپلار ، مەندەك نوچى يوق دەيدۇ ،
ئاغرىپ قالسا ناۋادا ، پۇلۇڭ بولسا بەرگىن دەپ ،
ساقايسىلا يۈز ئۆرۈپ ، ئاكاڭ قارغاي خو دەيدۇ .

ياڭاق چاققان كۈنلىرىم ، تېتىپ باقاي مەن دەيدۇ ،
نان چاينىسام ناۋادا ، يۈتەلمەستىن ئۆل دەيدۇ ،
بازارلاردا ئۇچراشسام ، مېھمان قىلغىن دوستۇم دەپ ،
قورساق راسا تويغاندا ، ھەي قەلەندەر كەت دەيدۇ .

تالاپەتلەر كەلگەندە ، ياردەم قىلغىن دەن دەيدۇ ،
ھالاۋەتنى كۆرگەندە ، دوستۇڭ ئەمەس مەن دەيدۇ ،
بىلدىڭلارمۇ خالايىق ، مېنىڭ دوستۇم ئاشۇنداق ،
بىلەلمىدىم زادىلا ، دوستلۇق شۇنداق بولامدۇ ؟

كۈنلەر چۈشسە باشىمغا ، چاۋاك چالدىڭ توختىماي ،
كىسەل بولۇپ قالغاندا ، چالۋاقىدىڭ ئويلىماي ،
يارىشامدۇ بۇ قىلىق ، ئەدەب - ئەخلاق ئۇنۇتتۇڭ ،
قىلما بۇنداق رەزىللىك ، ئۆز - ئۆزۈڭنى سورىماي .

كېرەك بىزگە مۇھەببەت ، ئىناقسىزلىققا بەك ئۆچ بىز ،
ئەسەبىيگە قويۇن يوق ، مۇقۇملۇققا تەشنا بىز ،
ھاماقەتچە ياشىما ، تۇزى كورلۇق قىلمىغىن ،
تەبەسسۈملەر ياڭرىتىپ ، ئۇيۇل تاشتەك بولۇپ بىز .

نۇمۇس يوقمۇ ئاداشلار ، مېھىرلەرنى بەرمەمسەن ،
ئىللىقلىقنى ئويلىماي ، دائىم قەستلەپ يۈرەمسەن ،
گۈزەل ۋەتەن قوينىدا ، ۋاپادارلىق قىلىشىپ ،
دوستلار بىلەن كۈلۈشۈپ ، خۇشال ياشاش بىلمەمسەن .

ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلما دوستۇم سەتلىشىپ ،
ئىللىقلىقنى بىلمەمسەن ، قىلما بۇنداق پەسلىشىپ ،
بىزگە كېرەك ئىناقلىق ، ياشىغىنسەن ئەركەكتەك،
گۈزەل ئانا ۋەتەندە ، شوخ يايرايلى كۈلۈشۈپ .

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

     





52 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-2 23:17:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ