ئانام ئەمدى يوق
ئارزۇگۈل ئوسمان
قەھرىتاندا مۇزغا تېيىلىپ،
پىژغىرىمدا تەرگە چىلىنىپ،
گاھى ئۆلۈپ ،گاھى تىرىلىپ،
مېنى تۇققان ئانام ئەمدى يوق.
مۇزلىسام گەر يۆگەكتە باققان،
يىغلىسام ھەم باغرىنى قاققان،
ئاغرىسام كۆز يېشى ئاققان،
مېنى باققان ئانام ئەمدى يوق.
يىقىلسام ھەم يۆلەپ كەلگەن ،
ئوتلىرىمدا كۆيۈپ كەلگەن،
دەرتلىرىمدە مىڭ ئۆلۈپ كەلگەن،
مېھرىبانىم ئانام ئەمدى يوق.
زىمىستاندا ئوت بولۇپ كۆيگەن ،
تومۇزلاردا سۇ بولۇپ ئۆچكەن،
تۇرمۇشنى دەپ تالاي ئۆي كۆچكەن،
قەدىردانىم ئانام ئەمدى يوق.
كۈلگىنىمدە قاقاھلاپ كۈلگەن،
گاھ يىغلىسام يېشىمنى سۈرتكەن،
يوللۇرۇمغا تەلمۈرۈپ ك ۈتكەن ،
جانجىگەرىم ئانام ئەمدى يوق
169 قېتىم كۆرۈلدى | arzu313 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 2:09:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|