ئەركەك بولساڭ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئەركەك بولساڭ،تېرىش دائىم ھارمىغىن،
ۋەتەن ئۈچۈن ياشا،ھەرگىز ئازمىغىن،
ساقلاپ ئىپپەت نۇمۇسىڭنى ئاداققى،
ئىلىقلىقنى ئاۋۋال ئۆزۈڭ باشلىغىن.
ئەركەك بولساڭ،ئائىلەڭنى قەدىرلە،
مېھر بەرگىن،بالىلىرىڭنى تەربىيلە،
مىزان بولسۇن،ئەدەپ-ئەخلاق ئۆيۈڭدە،
ئائىلەڭدە ئىناقلىقنى تەكلىتلە.
ئەركەك بولساڭ،خۇلۇم-خوشنا ئىناق بول،
قول-تۇتۇشۇپ داستىخاندا بىللە بول،
تالاشمىغىن كىچىك ئىشنى چوڭ قىلىپ،
ئىناقلىقتا ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئۆلگە بول.
ئەركەك بولساڭ،توغرا يولنى تاللىغىن،
پىتنە-پاسات،قۇرۇق سۆزنى قىلمىغىن،
خۇلۇم-خوشنا ئىناقلىقى بەك مۇھىم،
ئىناقلىقنى ئەتراپىڭدىن باشلىغىن.
ئەركەك بولساڭ،يۇرتنى سۆيگىن،ئاداشماي،
ئاجىزلارنى يۆلەپ تۇرغىن،قېچىشماي،
يۇرت ئىناقلىق مۇقىملىقنىڭ تۈۋرۈكى،
مۇقىملىقنى سۆزلەپ تۇرغىن،تالاشماي.
ئەركەك بولساڭ،مىللەت سۆيگىن تىرىشقىن،
بارچە مىللەت سۆيگۈ بېرىپ تۇرۇشقىن،
ئۇنۇتمىغىن ھەممە مىللەت قېرىنداش،
تەڭ كۈلۈشۈپ،مېھىر بېرىپ، ئىزدەشكىن.
ئەركەك بولساڭ،ۋەتىنىڭنى ئەزىزلە،
تۇپرىقىدا مەغرۇر ياشاپ،قەدىرلە،
ۋەتەن ئۈچۈن،ياشا ئاتاپ بارىڭنى،
ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرغىن ئەبەدكە.
ئەركەك بولساڭ،باش نىشاندىن ئاداشماي،
خۇلۇم-خوشنا مىللەتلەرنى ئايرىشماي،
يېتىم-يېسىر،ئاجىزلارنى ھۆرمەتلەپ،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرۇڭلار،تالاشماي.
ئەركەك بولساڭ،مەسئۇل بولغىن ئەۋلادقا،
پەرۋىشلىگىن كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا،
نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغىن ئەۋلادنى،
مۇقۇملۇقتۇر،تەرەققىيات بولۇشقا.
ئەركەك بولساڭ،ئاتا بارىڭ،ۋەتەنگە،
بىلىم ئالغىن،يېتىش ئۈچۈن پەللىگە،
نادانلىقتىن،قارىلىقتىن قۇتۇلۇپ،
يەڭنى تۈگۈپ،دەرھال چۈشكىن بەيگىگە.
ئەركەك بولساڭ،ئەركەكلەردەك ياشىغىن،
ۋەتەن ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغىن،
ۋەتەن ئاناڭ،ۋەتەن بارىڭ،ئۇنۇتما،
جەسۇر بولۇپ،ئۈمىدىنى ئاقلىغىن.
(ئىجتىمائىي مۇقىملىق،ئەبەدىي ئەمىنلىك دەل ئۆزىمىزدىن باشلىنىدۇ،مۇقۇملۇق، تەرەققىياتتۇر،مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلغاندىلا،ئىللىق جەمئىىيەت قۇرۇپ چىقىپ،ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ،دۆلىتىمىز مەڭگۈ قۇدېرەت تاپىدۇ)
177 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-23 0:51:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|