خىيال ئىچىدە
ئاپتۇرى :ئابدۇرسۇل ئەزىز
ئۇيقۇ قاچتى كېچە كۈزۈمدىن،
خىيال ئىچىدە ماڭا سەن ئۈلپەت·
ئۇيلاپ قالدىم ئۆتمۈش ئازاپنى،
كۆرگەنلىرىم ھىجران ۋە كۈلپەت·
خىيال ئچىدە كۆككە قارىسام،
ئاي تۇرۇپتۇ مەندەك يىگانە·
يۇلتۇز كۆكتە ئايغا كۆز قسىپ،
ئەتراپىدا بۇلۇپ پەرۋانە…
ئاي پەرۋاسىز يولتۇز زارىغا،
يولتۇز يېغلار كۆكتە چىمىرلاپ،
ئاي ئۈزىنى بىر دەپ چاغلىغاچ
يالغۇز دائىم ئۈنسىز پىچىرلاپ…
سىزنىڭ بەلكىم ئاي بولغىڭىز بار،
چۈشەنمەستىن ئاينىڭ دەردىنى·
پەرۋا قىلماي سىزگە كۆيگەنگە ،
يالغۇز قالغاندا بىلسىز قەدرىنى…
2015-يىلى8-ئاينىڭ 1-كۈنى (شەنبە كەچ سائەت 11)
177 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:46:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|