يۈرۈكۈمنى بوينۇڭغا ئاساي
ماھىرە ئەركىن ئەتىر
تۆكۈلىمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم،
سەن يوق ھەممە ماڭا ياقمىغان.
ئۆلۈپ كەتكەن مەندە مۇھەببەت،
ياكى مىنى تېخى تاپمىغان.
ئايغا قاراپ ئولتۇردۇڭ بەلكى،
سەنمۇ مەندەك خىرامان يېنىپ.
قۇرۇق قەلبىڭ ئىزدەپ تەسەللى،
غېرىپسىنىپ بۇلدۇقلاپ تېشىپ.
كەل چالايلى مۇڭلۇق مۇزىكا،
ئۆزىمىزنى كۈيلەرگە قېتىپ.
شىرىن،تاتلىق ھوسۇل ئالايلى،
يا سۆيگۈنى يۈرەككە تېرىپ.
قۇچىقىمدا لىپلىق ئەتىرگۈل،
ئېچىپ قويدۇم ساڭا قەلبىمنى.
بىكېرەكتۇر باھانە كايىش،
تەڭ بىزەيلى كۈندۈز كىچىنى.
تىزىپ قويغىن مىنى تەكچەڭگە،
جىمجىت تۇرۇپ سىنىلا تىڭشاي،
سۇدەك سۈزۈك مىھرىم بىلەن تەڭ،
يۈرۈكىمنى بوينۇڭغا ئاساي.
2017.5.19
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
56 قېتىم كۆرۈلدى | atir715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-21 11:57:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|