خوش ئەمدى بىۋاپا ، كېتەي مەن تېزرەك
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ئىچىپمەن مەست بولدۇم ، سۆيگۈ شارابى ،
چىن سۆيگۈ ئەمەسكەن ، دوۋزاق ئازابى ،
بولسىمۇ بەزىلەر ، گاداي ، دېۋانى ،
ئىكەنمەن مەن تېخى ، دېۋان - دېۋانى .
مۇز ئىكەن يۈرەگى ، سەزمەيدۇ ھېجران ،
ياتسىراپ سۆيگۈلەر ، بولدىغۇ گۇمران ،
ئازغانتى نادانلەر ، بىلمىگەچ پىنھان ،
چۈشۈمدە كۆرسەملا ، يىغلىدىم شۇئان .
قىلمايمەن كۆزۈمدىن ، ئاچچىق ياشلىرىم ،
ھاماقەت يارەنلەر ، سۈرتمەسكەن ياشىم ،
ئۇل ئۈچۈن قىينىلىپ ، كەتسىمۇ باشىم ،
يۈرۈگۈم تىلساممۇ ، بىلمەسكەن يارىم .
دېلىمنى رەنجىتىپ ، تاشلاپلا كەتكەن ،
يىرگەندىم بىراۋدىن ، كۆزلىرى يوقكەن ،
سېقىلار يۈرۈگۈم ، قەستلىدى ياتكەن ،
سەۋېر دەي ئۆزۈمگە ، بىلمىكى تەسكەن .
ئاي تولغان كېچىسى ، قىلغانتى قەسەم ،
مەڭگۈگە خوشلاشتى ، چۈشتىغۇ سەنەم ،
خوش ئەمدى جانەنلەر ، بولماسمەن ھەمدەم ،
تاشيۈرەك يارلارغا ، يىتەتتى ۋەدەم .
يالغانكەن ھەممىسى ، كەتسۇنە تىزرەك ،
ئۇنىتاي ئازاپلار ، ئىللىقلىق كېرەك ،
نۇمۇسنى بىلمىدىڭ ، ئىزىلدى يۈرەك ،
خوش ئەمدى بىۋاپا ، كېتەي مەن تېزرەك .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
158 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 17:55:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|