تويلۇرۇڭ چوقۇم بولسا باھاردا،مۇزدەك
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
تاتلىق بىر مۇجۇپ،ئازارلاپ يۈرەك،شاتلىق،
تولغاندىم بىر دەم،دەرتلەر بىلمەي،يۈتتىغۇ،
بىلمىدىم،قېينىدى مېنى ھەجەپ،تاتلىق،
ياتسىرامدۇ،كىتىپ باھاردا،مۇزمىدۇ.
ئاشۇ كۈنلەر،تاتلىق سۆيۈشلەر،كەتتىغۇ،
بەرگەن ئىدىمغۇ سۈزۈكتىن-سۈزۈك،ئەبەد،
جانان چىنىسىگە تولدۇرغان،بىلسىچۇ،
كەلمىدىغۇ،قېينىدى ھەجەپ بىر،راھەت.
يازلىرى توڭلاپ،ئىللىماي يۈرەك،توۋا،
كەلمەيدۇ بىر رەتمۇ سۆيۈنۈپ،تىلدىغۇ،
سۆيگىنى بەرمەي،يوققۇ شولىسى،غۇۋا،
كۆزلۈرۈم ئىزدەر ئىدى سۆيگۈ،كىچىكمۇ.
ھېچ بىلمىدىم،سارغايدى غازاڭ،رەقىپتەك،
يەنە ھوسۇلسىز،قەلبلەر قۇرۇق،مۇزلىدىم،
ئەقىدەمگە ياندۇرساڭ يۈرەك،تېرىقتەك،
كەلمىدىڭ بىر،قىشلار كەلگۈچە،ئېچىندىم.
قەھرىتان سوغۇقتا يالقۇنجاپ،توڭلىدىم،
زادىلا سوۋىماي يۈرەكلەر،توڭلىدى،
ھەجەپ سەزمىدىڭ تىلغاپ يۈرەك،كۈلمىدىم،
بىر كۈلۈپ باقساڭچۇ پەقەت،بىلمەسمىدى.
تويلۇرۇڭ بولسا چوقۇم باھاردا،مۇزدەك،
ئۆلمىسەم باراي گۈللەر ئېلىپ،چۆچۈدۈم،
ياز،كۈز،قىش كىلۇر باھاردەك يەنە،قىشتەك،
ھەممىسى قەھرىتان،كۈتىمەن،خۇرسىندىم.
178 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 20:35:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|