ئۆگەي ئانام
سەھەر تۇرسام ئورنۇمدىن،
خوراز تىنماي چىللايدۇ .
شۇ ئۆگەي ئانام بولسا ،
يەنە شۇنداق تىللايدۇ .
قاق سەھەردە جان دادام،
ئوتۇن يېرىپ ھارمايدۇ .
بەك قورققاچقا ئانامدىن ،
يا ھىچ يەرگە بارمايدۇ .
ئېلىۋالسا سۈپۈرگە ،
كېزىپ چىقار ھويلىنى .
يىتىشەلمەي دادامغا ،
راسا تىللار ئۇ مىنى .
يول قويغاچقا دادام كۆپ ،
جاپا چەكتى ئاناڭ دەپ .
ئېشىۋالدى بەكمۇ ئۇ ،
باقتىم سىنىڭ بالاڭ دەپ .
تاماق ئەتسە تويغۇزماس ،
ياكى ھەيدەر تېشىغا .
سەۋرى توشقاچ دادامنىڭ،
راسا سالدى بېشىغا .
قورقۇپ كەتكەن ئانامنىڭ ،
سۇنۇپ كەتتى ھەيۋىسى .
شۇندىن بۇيان كۆپ ياخشى ،
بۇلۇپ كەتتى ھەممىسى .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
51 قېتىم كۆرۈلدى | رەناگۈل ئوسمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-15 10:03:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|