ئاتۇش بېشەك شېرىنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ ، ئىسسىق بولغاچ ھاۋاسى ،
ئىشچان خەلقىم بەك ئىللىق ، ھەممە يەردە ساماسى ،
بېشەك - شېرىن كۆكچىسى ، داڭقى كەتكەن شىنجاڭغا ،
ئوخشاپ كېتەر بېشەگى ، خۇشپۇراقلىق سالاسى ،
پىلەك ئاتسا مايسىلار ، ئېچىلىدۇ چېچەكلەر ،
ئالتۇن رەڭلىك چېچەكتىن ، چۈشۈدىغۇ بېشەكلەر ،
ئىنتىزاردۇر بالىلار ، ئالتۇن رەڭلىك بېشەككە ،
تېزرەك پىشسا بولماسمۇ ، ئۈزۈپ يىسەك بېشەكلەر .
مەي باغلىسا بېشەكلەر ، يىمەي قانداق چىدايمىز ،
ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، خۇشال كۈلۈپ يايرايمىز ،
بېشەك شېرىن - شېكەردۇر ، خۇشخۇي پۇراق ھېد چاچار ،
ئوخشىغاچقا بېشەكلەر ، شۇنچە يەپمۇ تويمايمىز .
تېزرەك پىشىڭ شېكەرلەر ، تەشنا بولدى دېھقانلار ،
ئۈزۈپ يىسۇن بېغىدىن ، سەبىي ئوماق بالىلار ،
ئىشتىھادا زوقلۇنۇپ ، ھوزۇر ئالسۇن ھەممىسى ،
خۇشال بولۇپ زوقلىنىپ ، ھوزۇرلانسۇن بوۋايلار .
يېسەڭ بېشەك شېرىننى ، تىللىرىڭنى يارىدۇ ،
ئۇسسۇزلىقىڭ قاندۇرۇپ ، يۈرەگىڭگە بارىدۇ ،
مەرى ئىسسق بولغاچقا ، تويمايسەنغۇ زادىلا ،
بىتاب بولساڭ ناۋادا ، كۆڭۈللەرنى ئاچىدۇ .
مەشرەپلەردە بېشەكلەر ، داسقان تۆرى تۇرىدۇ ،
ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، ئىشچان دېھقان كۈلىدۇ ،
پىشقان چاغدا يۇرتۇمغا ، كېلىڭ دوستۇم بىر قېتىم ،
ئاتۇش خەلقى مېھمان دوست ، بېشەك پىچىپ بېرىدۇ .
قول سۇنۇشۇپ بېشەككە ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ،
ساھىپخانلار خوش بولۇپ ، دىلدا قالماس ئارمانلار ،
ئۇچۇر بېرەي مېھمانلار ، پىشتى ئاتۇش شېكەرى ،
تېزرەك كېلىپ يەپ كېتىڭ ، بېرەر سىزگە ھوزۇرلار .
يۇرتىمىزنىڭ بېشەگى ، تىلنى يارۇر بىلىۋال ،
قوغۇنلارنىڭ ئەركىسى ، تەملىرىنى تېتىۋال ،
تېتىپ باققان كىشىلەر ، ئۇنۇتمايدۇ مەڭگۈگە ،
ساھىپخانلار رازىدۇر ، بىرە تالدىن ئېلىۋال .
يۇرتىمىزنىڭ بېشەگى ، بېشەكلەرنىڭ سەردارى ،
تېتىپ باقساڭ ناۋادا ، تېلىڭ بولۇر مۇڭ تارى ،
شۇنچە شېرېن ھەم تاتلىق ، ئېغىز تېگىڭ دوستلۇرۇم ،
ئىشچان جەسۇر خەلقىمنىڭ ، قوينى ئىللىق ھەر چاغى .
ئاتۇش خەلقى مېھمان دوست ، شىنجاڭ خەلقى بىلىدۇ ،
شېرىن - شېكەر بېشەگى ، تىلىڭ تاتلىق قىلىدۇ ،
ئوخشاپ كەتتى باغلاردا ، سەيلە قىلىپ كېتىڭلار ،
مېھمان بولۇپ كەلسىڭىز ، بېشەك ئۈزۈپ بېرىدۇ .
31 قېتىم كۆرۈلدى |
turhun |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-26 19:42:00 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ