ئۈندىداردا تۈنەپتۇ بالىلار
ئېھسان ئاۋات
ئۈندىدارنى ئاچسام مەن بۈگۈن،
يىتىپ كەلدى ئۇچۇرلار تىزىق .
ئېچىپ ئوقۇپ ئۆتتىم بىرمۇبىر،
مەزمۇنلىرى بىر-بىرىدىن قىززىق.
يېرىم سائەت قارىمىسام ئەگەر،
كۈتۈپ تۇرار ئۇچۇرلار رەت-رەت.
نىمە گەپ ئىكەن دەپ سورىساڭلار،
بىر-بىرىگە تۆككەن دەرت-ھەسرەت.
كىچە - كۈندۈز ئۇيقۇدىن بىدار،
ياشلىق دەپلا يۈرۈپتۇ بالىلار.
نىچۈن بۇنچە كۆپ ئۇچۇرلار بۇ،
سەۋەبىكى ئۈندىداردا تۈنەپتۇ بالىلار.
قالمىغاچقا قىلىشقا غەيۋەت ،
ئۈتۈپ قاپتۇ ئۇرۇش-تالاشقا.
ئۇيالماپتۇ گەپ تۈگەپ قالسا،
بىر-بىرىنى قارلاپ غاجاشقا.
قىز-يىگىتلەر ئارلاش ئولتۇرغاچ،
قىزىپ كېتىپتۇ ئۇندىداردا توپ.
يىگىت چاقىرسا قىزنى خىلۋەتكە،
قىز جاۋاپ بىرەر ھازىر لەببەي خوپ.
ئۈندىداردا گەپ قىززىغاچ ھەرچاغ،
بۇ گەپلەر ئۈچۈن كۈلۈپتۇ بالىلار .
قىززىق گەپدىن قېپ قالارمەنمۇ دەپ،
كېچە ئۇيقا يوق تۈنەپتۇ بالىلار.
2015/9ئاۋغۇسىت (ۋاقتى چاشگاھ)
ئۇندىدار1410037590/ihsan571633
153 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 11:12:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|