پارچىلار
شاۋكەت
1
بولمىسا ئەگەردە سۆيگۈدە ئىشەنچ،
ئىنقكى قۇرۇلار ساختا مۇھاببەت.
قالدۇرۇپ كۆزلەردە پۇشايمان يىشى،
داغلايدۇ يۈرەكنى ئۇ شۇنداق پەقەت.
2
ساداقەت كۆزلەيدۇ مۇھاببەت دىگەن،
بەخىتلىك ياشايدۇ ۋاپانى بىلگەن .
گەر كىيسە خائىنلىق تونىنى كىشى ،
ئىنىقكى يامان كۈن كۆرگىنى كۆرگەن.
3
گۈل تىزاي ئەي رەنا ساڭا مەن ئاتاپ،
جاھاندا يوقتۇركى ئۇ ئۇز بىھىساب.
ئۆزۈڭنى جۆر بىلگىن بەخىتكە ھامان،
سەن بولغىن شادىمان يۈرگىنە يايراپ.
4
تۇتقىلى بولمايدۇ كۆڭۈلنى ئەجەپ،
بولغاندا بىرەتتىم كۆرگىنە بىر دەپ.
ئىشەنگىن كۆڭلۈمدە سەن ئۆزۈڭ تەنھا،
يۈرمىگىن ھىچقاچان ئوشۇقچە غەم يەپ .
5
مېھىر مېھىردىن كۆكلەيدۇ ئىنساننىڭ دىلى،
ئۆتەيلى ئۆزئارا مېھىر يەتكۈزۈپ.
سۇ ئىچسۇن مىسكىننىڭ كۆڭلىمۇ ئوخشاش،
كەتسۇنا ئۆچمەنلىك ئوتلىرى ئۆچۇپ.
6
دەيمىزغۇ جاھاننى پەقەت تۆت كۈنلۈك،
تۆت كۈنلۈك مېھمان بىز ئۆتەيلى ئىناق.
بىسىلسا دىللارغا مېھىر تامغىسى،
كەتكۈسى ئاداۋەت ھەممىدىن يىراق.
7
كۆرگەن بىز ئۆمسىزنى توزىدى كۈلدەك،
قالمىدى ئىزىمۇ يۈتتى نىشانسىز.
گۇمان كۆپ،مېھىر يوق سوغۇقتى دىلى،
كۆپەيگەن ھەستخور بىلەن ۋاپاسىز.
8
مېھىرلىك بولايلى مېھىر بىرەيلى،
چاقنىسۇن چولپاندەك مېھىرلىك كۆزلەر .
ئىسسىتسۇن دىللارنى مېھىرنىڭ تەپتى،
سۇ ئىچسۇن چاڭقىغان چاڭقاق كۆڭۈللەر.
2015.8.23
184 قېتىم كۆرۈلدى | شاۋكەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 23:21:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|