قەدرىڭ ئۆتۈلدى
ئاپتۇرى؛ئابدۇرسۇل ئەزىز
سەن يوق دۇنيا ماڭا تار كەلدى،
بەرگەن ئازارىڭ ماڭا ھار كەلدى.
ھەر تۈندە مەن سېغىنىش بىلەن،
كۆزلۈرۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى.
گۈل بېغىمغا جۇدۇللار كەلدى،
غازان قىلدى كۆز پەسلى كەلدى.
شۇڭا يۈرەك ئاچچىققا تولدى،
نەۋقىرانىم سۇلدى تۈكۈلدى .
سەن يوق ئۈينى چاڭ تۇزان باستى،
تۆت تامغىمۇ ئۆمچۈك تور يايدى.
تور دەستىدىن دوسلۇرۇم قاچتى،
بۇرۇنقىدەك يوقلىماس بولدى.
سەن يوق تۈنلەر ئۇزۇن بىلىندى،
دېرىزەمدىن ئۇيقۇ ھەم قاچتى.
ياز كۈنلەرمۇ سۇغۇق بىلىندى،
سېغىنىشتا يۈرەك مۇز قاتتى.
كەلگىن تىزراق قەدرىڭ ئۈتۈلدى،
سىنى كۈتۈش ماڭا تەس كەلدى.
بۇ بېشىمغا سەۋدالىق يەتتى،
تۇرمۇشۇمدىن خوشالىق ئۆچتى.
2015-يىلى09-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە كەچ 01:55)
203 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-16 20:40:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|