جانانغا خەت

         جانانغا خەت

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

نەبولدى ئەي مىسكىن پەرى كىرپىكتە قەترە كۆز يېشىڭ،
ئۇشبۇ ھالغا چۈشكىدەك ئاچچىقمۇ مەندەك كەچمىشىڭ،
ئىششىپ قاپاق،قىزارىپ كۆز سىياقىڭ بەكمۇ ۋەيرانە،
خالىساڭ دەردىڭنى ئېيتقىن مەن بۇلاي بىر سىردىشىڭ.

قايسى نادان كۆڭلۈڭنى بىلمەي ساڭا ئازار يەتكۈزدىكىن،
شوخ تەبەسسۇم يۇقىتىپ كۈلكەڭ يىراق كەتكۈزدىكىن،
تۇتۇلمىغىن ئاي يۈزۈڭنى توسمىسۇن قارا بۇلۇت،
ئېسىلساڭ مۈرەم سىنىڭكى مىنى بىلسەڭ دىلكىشىڭ.

ساڭا كۆيگەن تاشلىمايدۇ كەلسە باشقا مىڭ ئەلەم،
مىسالى پەرھاتۇ-شىرىن ۋەيەنە غېرىپ سەنەم،
تاللىماق بولساڭ ئۈزۈڭگە ھەمرا ئىچىدىن بىربەلەن،
مەن بۇلاي نامزاتى ئالىي ئىككى دۇنيالىق يولدىشىڭ.......

  2017-يىل 9-ماي
  جىنخۇا
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589



     



     





183 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىز تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-7 6:15:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ