سۈرەتتىكى پەرىشتە
ئاپتۇرى: ئېھتىيار يارمۇھەممەت
ئاشنا قىلىپ خىيالغا بىرجۈپ بۇلاق كۆزلىرىڭ،
يۈرىكىمگە بىر ئوتنى سېلىپ قويار تۇيمايلا .
لەۋلىرىڭدىن تامچىيدۇ شېرىن -شېكەر سۆزلىرىڭ ،
گۈلزار دېسەم قىزلارنى سەن ئەڭ گۈزەل بىررەنا .
ئوماقلىقىڭ، شوخلۇقۇڭ كىمدە باركىن سېنىڭدەك ،
ئەگمە قاشنى جان ئاناڭ ئۆزى سىزىپ بەرگەنمۇ.
سۇمبۇل چاچقا نىمە دەي،رۇخسارىڭغا گۈل-بىزەك،
ۋىسالىڭچۈن مەن شۇڭا شۇنچە ئازاب چەككەنمۇ.
ماڭا باققان نىگاھىڭ ساداقەتكە لىق تولغان ،
بىلىنىدۇجۈپ كۆزلەر مۇھەببەتلىك بىر چەشمە.
يۈرىكىمگە ئىسمىڭنى شۇنچە تولۇق سەن ئويغان،
ياشارسىكەن دەز كەتمەي،يەتمەستىنلا ھېچ زەخمە.
ئاي يۈزىڭنى ئۆزگىگە ئوخشاتقۇم بار،ئاھ لىكىن ،
قانداق قىلاي ھېچ گۈزەل سەندەك بەرنا بولمىسا .
كۈلكىلىرىڭ ئەڭ لىرىك بىر مۇقامچە بارمىكىن ،
سۈرەتتىكى پەرىشتە ئاشىىق بولدۇم بىر ساڭا .
ئاپتۇرى: ئېھتىيار يارمۇھەممەت
290 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 18:39:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|