چۈشلىرىمگە مىھمانسەن پات- پات
مۇكەررەم ئەخمەت
قاچانكى كويۇڭغا چۈشكەندىن بىرى،
ئاھ يۈرىكىم سوقتى ساڭىلا.
تاپالمىدىم تاپمىدىم قايتا ،
سەندىن باشقا دەردىمگە داۋا.
شادلىقىمنى قاچتىڭ ئوغىرلاپ ،
كۈلكىلىرىم قاتقان سۈرەتتە .
بىۋاخ كۈلكە لەۋلەردە ئايان ،
ئەمما يۈرەكلەر تىخى سۈكۈتتە.
بەلكىم قالار شۇ پىتى ئارمان ،
بىر چوغ كەبى خىرە ئۇچقۇنداپ .
چۈشلىرىمگە مىھمانسەن پات -پات ،
يۈرىكىمنى ئۆتىسەن تىلغاپ.
210 قېتىم كۆرۈلدى | مۇكەررەم ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 19:36:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|