ئانامغا

         ئانامغا      
          (كۈنەس  ئارالتۆپە) 

  

  يېتىپ كەپتۇ  ئاڭلىسام بۈگۈن ،
جېنىم ئانا بايرىمىڭ ئىكەن .
بىرەلمىدىم ئەپسۇس سوۋغاتنى.
ئارلىقىمىز بەك يىراق ئىكەن .


بايرام دېگەن شۇ ئەمەسمىدى،
چۈشلىرىمدە كۆرگەن بولساممۇ.
باغرىڭغا    تاشلاپ  ئۆزۈمنى ،
مەڭزىڭگە ھەم  سۆيگەن بولساممۇ .


يوقلاپ ماڭدىم  يەنە قەبرەڭگە ،
ئىچىم تولدى  ئاچچىق ئەلەمگە .
ئىختىيارسىز تۆكۈلدى كۆز ياش ،
سەبىر دېدىم يەنە ئۆزۈمگە.


قايتىپ ماڭدىم  كۆزۈمنى ياشلاپ ،
قەدەملىرىم ئېغىر يول باشلاپ .
كۆرەلمەستىن  ئىللىق  چېھرىڭنى ،
چىن يۈرەكتىن تىلەكلەر  تاشلاپ .

- زىلەيبۈۋى ئەخمەتجان

2017    .   5   . 14 .   سەھەر  
(يەكشەنبە)
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






183 قېتىم كۆرۈلدى omak520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-17 23:11:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ