ئاتامكەن
يازغۇچى :ياقۇپجان ياسىن ياشنارى
**
ھەر دەقىقە ھەر سائەت مەندىن ئەنسىرەپ،
يىراققا كەتسەم «قېنى دەپ» مىنى ئىزدەپ،
مەن ئۈچۈن ھارماي-تالماي تەربىيە سۆزلەپ،
مىنىڭ ئۇتۇمدا پەرۋانىدەك يۈرگەن ئاتامكەن.
**
كەلگۈسۈم ئۈچۈن ۋاقىت بەرمەي تىرىشقان،
ئاتامنىڭ نامىدىمەن خەق تىلىدا ماختاشقان،
مىنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ خەقلەر بىلەن تىلاشقان،
مەن ئۈچۈن ھەر قېتىم قۇربان بولغان ئاتامكەن.
**
دەردىم بولسا كۆڭلۈمدە،ئەلەم تارتىپ مەن بىلەن،
ياشلار ئاقسا كۆزۈمدىن ، دەريا بۇلۇپ مەن بىلەن،
قانلار ئاقسا تىنىمدىن ، تېڭىپ يارىنى مەن بىلەن.
لازىم بولسا ماڭا قان، قاننى بەرگەن ئاتامكەن.
**
چىقسام يولدىن پويىزدەك،تارتىپ چىققان پەم بىلەن،
تەربىيەنى ھەر قېتىمدا، ئايىماي بەرگەن قەن بىلەن.
كىرمىسەم مەن گەپلىرىگە قايىل قىلغان گەپ بىلەن،
مەن ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىككەن ئاتامكەن.
**
2017-4-14 كورلا
QQ:2810631427
ئۈندىدار:yakup0180
87 قېتىم كۆرۈلدى | ياقۇپجان ياسىن ياشنارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 1:18:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|