نىگارغا سۆز

‏نىگارغا سۆز

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏سۆيگۈ مۆلدۈرى ياغقاچ تاراسلاپ،

 ‏ۋۇجۇدۇم تىترەر ھىجران دەشتىدە.

 ‏ئىشقىڭدا يۈرەك كۆيگەچ چاراسلاپ،

 ‏ئەلەملىك ھالدا تۆكتى قەسىدە.

 

 ‏ ‏قەلبىمدە بولغاچ كۈلگۈنچەك يىغا،

 ‏بەزلەپ تۇرىدۇ دەرتلىك يۈرەكنى.

 ‏شۇندىمۇ قەلبىم سۇلغۇن بىپەرۋا،

 ‏تۆكەلمىگەچكە كۆز ياشلىرىمنى.

 

‏ ‏بۇلاي كىچىدە گۈلگۈن تۇلۇنئاي،

 ‏بولغىن كۈندۈزدە گويا زەر قۇياش.

 ‏قاراپ سالمىسۇن بىزلەرگە زىنھار، ‏

ھايات يولىدا بىۋىسال ياشاش.

 

‏ ‏ئاي بىلەن قۇياش بۇلۇپ قالسا جەم،

 ‏نۇر ھەم يۇرۇقلۇق كىتەر تۈگۈشۈپ.

 ‏دىل قەسىرمىزنى تاقايلى مەھكەم،

 ‏مەڭگۈ قالمايلى بىزلەر كۈيۈشۈپ.

 

‏ ‏2015-يىل6-سىنتەبىر باي





126 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 21:15:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ