بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى
ھېيىت كىلىپ يۈرەك ئۆرتەندى،
بىلەرسەنمۇ جېنىم سەن ئاتا؟
قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،
بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.
سەن كەلمىدىڭ ھەممىسى كەلدى،
ماڭىمۇ ھېيىت بولغانمىدۇ ؟
راس كۈلمىدىم باشقىلار كۈلدى،
بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.
قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،
ئاتا دەپمۇ چاقىردىم يىغلاپ.
يەر-زىمنمۇ تىترىدى بەلكىم،
بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنىمنى.
دوسلۇرۇم ۋە تۇققان چىللسا،
جان ئاتاممۇ بولسىكەن دىدىم.
لىۋىم كۈلكە ،يۈرەكتە ئازاپ،
بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنمنى.
سۈرىتىڭنى تېڭىپ يۈرەككە،
قەلبىمگە كۆپ بەردىم تەسەللى.
ئۇنتۇش مۇمكىن بولماسكەن ئەسلى،
بىلەرسەنمۇ سېغىنغىنمنى.
ئاپتۇرى؛ قۇربانجان ئىمىن يالقۇنى
2015-يلى 9-ئاينڭ 24-كۈنى
مەرھۇم ئاتامنى سېغىنىپ......
122 قېتىم كۆرۈلدى | kurban | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 18:23:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|