سۆيگۈ نىداسى

         سۆيگۈ نىداسى

چۆككەن ئىدىم كېچەڭگە ئايدەك ،
تاڭلىرىمىنى سۆيگەن يېنىشلاپ.
كۆز تەگدىمۇ شۇ سۆيگۈمىزگە،
كەتتىڭ مەندىن شۈنچە يىراقلاپ.

كەتتىڭ مەندىن شۈنچە يىراقلاپ،
قالدىم يالغۇز ئارقاڭدىن قاراپ.
سىغدۇرالماي قالدىم ئىچىمگە،
ئاقتى يىشىم  ئۈنسىز تاراملاپ.

ئاقتى يىشىم ئۈنسىز تاراملاپ،
سەنسىز كۈنلەر -ھەسرەت،ئىزتىراپ.
يىگانىمەن جىمجىت خانەمدە،
قالدىم تۈندە يۇلتۇزغا قاراپ.


قالدىم تۈندە يۇلتۇزغا قاراپ،
خۇشال ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ.
قىينىلىمەن ھەربىر نەپەستە،
ئەسلىمىلەر ئەتمەكتە خاراپ.

تۇرانسا يولۋاس
پوسكام
2017.4.1
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






115 قېتىم كۆرۈلدى تۇرانسا يولۋاس ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 20:20:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ