« شېئىر توغرىسىدا چۈشەنچە »
… رەتلەپ تەييارلىغۇچى دىل ئىسمايىل .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر !
ئەڭ جۇلالىق شېئىرى ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتىقان، ئىزدەنگۈچى، شائىر ۋە شائىرەلەر ھارمىغايسىزلەر . مەن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزدىكى يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ،كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئەسەرلىرىمىزدىكى بەزىبىر كەمتۈكلۈك ، شۇنداقلا قايناق ھېسىياتلانى تولۇق ئىپادىلىيەلمەيۋاتىقان ، قەلىمى ئاجىزلىق قىلىۋاتىقان ئوت يۈرەكلىرىمگە سۇندۇم ، پايدىلىنىپ قالغايسلەر …
············································
«شېئىر توغرىسىدا چۈشەنچە » ۋە ئاساسى بىلىملەر .
ئالدى بىلەن شېئىر دىگەن ئۇقۇمغا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسەم .
« شېئىر » كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ھېس تۇيغۇنى بەدىئي ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەش سەنئتى ياكى ئوبرازلىق تىل ئىجادىيتى دىمەكتۇر . تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، « شېئىر » بىرەر ئوبرازلىق پىكىرنى رىتىم،ۋەزىن ۋە قاپىيە ئارقىلىق ئىپادىلەش سەنئتى دېگەنلىك بولىدۇ. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باي تەسەۋۇر ، لىرىك ھېسىيات ،ۋەزنىلىك ،قاپىيىلىك،رېتىملىق تىل ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام ،ئەڭ مەركەزلىك،ئەڭ تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر خىل ئەدەبىي شەكىلدۇر .
شېئىردا ئىككى ئامىل بار . بىرى ئوبرازلىق پىكىر ، تولۇپ تاشقان ھېس تۇيغۇ . يەنە بىرى ،رىتىم ۋەزىن ،قاپىيەدۇر . مانا بولۇلار شېئىرنىڭ جېنىدۇر .
شېئىرنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرى بولسا -
1-ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ۋە ھېس تۇيغۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ئوموملاشتۇرۇپۋە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
2- شېئىردا ھېسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك ،تەسەۋۇر تېخىمۇ مول بولىدۇ . ھېسىيات ۋە تەسەۋۇر شېئىرنىڭ بىر جۈپ قانىتى بولسا ، شېئىر شۇ قانات ئارقىلىق ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ .
3- شېئىر بولسا -يارقىن ،جانلىق ۋە نەپىس شېئىرىي ئوبرازغا ئىگە بولىدۇ .
4- شېئىر -ئىخچام دەل ۋە ئېنىق تىلغا ، شۇنداقلا مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە .شېئىرنىڭ مەزمۇنى رىئال ھاياتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئوموملاشتۇرىشى بولغاچقا ، ئۇنىڭ تىلى دەل ۋە ئىخچام بولۇشى،ھېسىياتنى ئىپادىلەشتە دەل جايىغا كىلىشى ، ئېنىق بولىشى ئوشۇق ياكى كەم بولماسلىقنى ئىپادىلىش كۈچىگە باي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
5- شېئىر -ئاھاڭدارلىققا ۋە مۇزىكىلىققا ئىگە .
مۇزىكىلىق دىگەندە ،بىرىنچىدىن ، شېئىردىكى رېتىم كۆزدە تۇتۇلسا ، ئىككىنچىدىن ،ئۇنىڭدىكى قاپىيە ۋە ۋەزىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
رېتىم دىگەندە -ھەركەتنىڭ قائىدىلىك ساداسى ، ھادىسە ۋە تاۋۇشلارنىڭ تەرتىپلىك تەكرارلىنىشىدۇر .
قاپىيە دىگەندە -ھەربىر مېسىرالارنىڭ ئاخىردىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشىدۇر .
قاپىيەنىڭ ئۈچ خىل رولى بار . بىرىنچى رولى بولسا ، شېئىرى تىلنى تەسىرلىك ،جاراڭلىق، مۇزىكىلىق قىلىپ ، شېئىرى رېتىمنى كۈچەيتىدۇ . ئىككىنچى رولى بولسا ،يادىلاشقا دېكلىماتسىيە قىلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ . ئۈچىنچى رولى بولسا ، شېئىردىكى ھېس- تۇيغۇلارنى تەسىرلىك ئىپادىلەپ بېرىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ .
« شېئىر »لار ، ئۆزىنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتىرىگە ئاساسەن لىرىك شېئىر ۋە ئىپىك شېئىردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ . ئىپادىلەش شەكىلى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەزنىلىك شېئىر ، نەسىرىي شېئىر ، چاچما شېئىر قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
لىرىك شېئىر - شېئىردا ئىپادىلەنگەن ھېسىيات ۋە پىكىرلەرنىڭ مەزمۇنى ، خارەكتىرىگە قاراپ ، « قەسىدە » يەنى مەدھىيە ، « مەرسىيە » يەنى ئىلگىيە ، مۇھەببەت لىرىكىللىرى ۋە ھەجىۋىي شېئىر ، سىياسىي لىرىكا ، ئىنتىم لىرىكا ، تەبىئەت مەنزىرە ( پىزاژ ) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ .
قەسىدە - مەدھىيەلەش ۋە ماختاش خاراكتىردىكى بىر خىل شەكىل .
مەرسىيە - ئاساسەن قايغۇ - ھەسىرەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل شېئىرى شەكىل .
مۇھاببەت لىرىكىسى - كىشىلەرنىڭ مۇھاببەت قارشى ۋە ھېس-تۇيغۇللىرىنى ئۆزىگە تىما قىلىپ يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئوقۇرمەندە ئىستىتىك تۇيغۇنى قوزغىتالايدۇ .
ھەجىۋىي شېئىر - ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى سەلىبىي ھادىسىلەرنى پاش قىلىش ، تەنقىد قىلىش ،مەسخىرە قىلىش ئاساسىدا يېزىلىدۇ . ئۇ « ساتىرا » دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
سىياسى لىرىكا - ئاپتۇرنىڭ جەمىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا شور سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى تېما قىلىپ ، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ياكى گوروھنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلىپ ، ئۆز كۆز قارىشىنى شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ .
ئىنتىم لىرىكا - شائىرنىڭ شەخسى كەچۈرمىشلىرىگە باغلىق بولغان تۈرلۈك ھېس تۇيغۇلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ .
تەبىئەت لىرىكىسى - شائىرنىڭ تەبىئەتتىن ئالغان ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ .
( ئىپىك شېئىرلار ) ھەر خىل كونكىرتى ۋەقە ياكى شەخسلەر ئاساسى ئوبىكىتىپ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن شېئىر لارنى كۆرسىتىدۇ.
ئىپىك شېئىرلارنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئوخشىمىغان شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن . بۇلاردىن مەسىلەن . قەھرىمانلار ھەققىدىكى قوشاق ، قىسسە «ئىپوس» ، داستان « پوئېما » ، باللادا ، شېئىرىي داراممىلار ، مەسەللەر ۋە ئېيتىشىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
ۋەزنىلىك شېئىرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى - بۇنداق شېئىرلار ئادەتتە مەلۇم تەرتىپ ۋە قائىدىگە ئاساسەن يېزىلغان شېئىرلاردۇر .
ئادەتتە ۋەزنىلىك شېئىرلار ۋەزىن ئىتىبارى بىلەن ئارزۇ ۋەزنىلىك شېئىر ۋە بارماق ۋەزنىلىك شېئىر دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
ۋەزنىلىك شېئىرلار بولسا تەڭ بوغۇملۇق ۋە ئارلاش بوغۇملۇق دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
تەڭ بوغۇملۇق شېئىر لار - ھەر قايسى مىسرالاردىكى بوغۇملار سانى تەڭ بولغان شېئىر لاردۇر .
مەسىلەن :
ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى ،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى .
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ، سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى .
(ت . ئېلىيوف )
ئارلاش بوغۇملۇق شېئىر لار -ئۇزۇن ھەم قىسقا بوغۇملار ئارلىشىپ كەلگەن ، يەنى مىسىرالاردىكى بوغۇملار سانى ئاز-كۆپلۈكتە پەرىقلىنىدىغان شېئىر لار دۇر .
مەسىلەن :
يەرگە سىڭمەس قانلىق ياشلار ،
يەرگە سىڭمەس يالىلدار .
قانلىق ياشلار ، قىزىل قانلار ،
خۇددى كۈندەك پالىلدار .
( ل . مۇتەللىپ )
ئازغىنە بىلىمدىن ھەمىمىز ئورتاق بەھىرلىنەيلى قېرىنداشلار . كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇڭلار . تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئالاقىلاشساڭلار . ئۈندىدار -2508686870
2015-5--08 دىل ئىسمديىلدىن .
2307 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 13:20:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-19 19:33:31 | ئىزچى |
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،بىراق بىر خاتالىق بارئىكەن ،ۋەزىن توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەندە «ئارۇز»ۋەزنى «ئارزۇ»ۋەزنى دەپ يېزلىپ قالغان ،قالغان يەرلىرى ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ ،رەھمەت . |
2015-12-8 10:53:59 | guljamal elyas |
بۇ يوللانغان مەزمۇن بەك ياخشى بوپتۇ. بىز ئوقۇتقۇچلاغا نىسبەتەن ماتىريال .ئىزدشمزگە بەك قولايلقكەن. يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرشڭزنى ئۈمۈت قىلمىز. |
2015-9-2 10:32:01 | يۇمۇرچى |
ناھايىتى ياخشى، زادى بىر چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر ئىدى... |
2015-8-19 0:50:49 | ئېلتەرىش |
ناھايتى ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىز…… |
2015-8-19 0:22:38 | mamat eminjan |
yahxi yiziliptu |
2015-8-7 15:16:33 | شادىيە |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،بىزدەك ئەمدى نوتا چىقىرىش ئالدىدا تۇرغان شائىر، شائىرەلەرگە تېخىمۇ ئىنىق چۈشەنچە ھازىرلاپسىز. بىزگە ئاتاپ چىقارغاندەكلا،بەك سۈيۈندۈم. |
2015-8-5 14:32:01 | ئابلىتىپ |
تولمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈش بىرلىپتۇ ،ھەمدە ناھايتى ئىخچام . |
2015-8-5 0:21:33 | باھارگۈل ئىبرايىم ئېھسانى |
بۇ يازما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بولۇپمۇ شېئىر يېزىقچىلىقى توغۇرسىدا باك ياخشى چۈشەنچە بىرىلىپتۇ ھارمىغايسىز قېرىندىشىم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن يازمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. |
2015-7-29 15:55:00 | uzak yol |
ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|