غۇنچە تۇرسا قىزىڭغا ئوخشاش
باھارگۈل ئىبرايىم
(زامانىمىزدىكى بىر قىسىم بايلارغا)
سەيلە قىلغاچ بەكمۇ شادلاندىڭ،
خۇشپۇراقلىق چىمەندە يۈرۈپ.
چىمەنلەرنى چەيلەپ تاشلىدىڭ،
غۇنچىلارنى مەيلىڭچە ئۈزۈپ.
تامچە-تامچە سۇلار تۈكۈلدى،
سەبى غۇنچە ئۈزۈلگەن جايدىن.
سىنىڭ كۆڭلۈڭ بەكمۇ گادايكەن،
بولساڭمۇ گەر نامى بار بايدىن.
كۆڭلى بايغا ئارتۇقچە بىلسەڭ،
غۇنچىلارنىڭ كۆزىنى ياشلاش.
يىغلىتىشقا چىدىسا كۆڭلۈڭ،
ئىكەن يۈركۈڭ گويا قاتتىق تاش.
ئويلاپ كۆرگىن توغرا بولامدۇ،
خالىغانچە چەيلەنسە غۇنچە.
چەيلىنىشكە قانداق چىدايسەن،
ئۇخشاش تۇرسا قىزىڭغا شۇنچە.
2015-يىل4-ئاۋغۇست باي
131 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-8 9:54:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|