ئاشنىلار
كۈلۈپ تۇرغان بەختىڭنى كۈل قىلىدۇ ئاشنىلار،
ھەشەم-دەرەم ئۆيۈڭنى چۆل قىلىدۇ ئاشنىلار.
سۈزۈك سۇدەك كۆڭلۈڭنى كۆل قىلىدۇ ئاشنىلار،
يۈرسەڭ ئاشۇ كوچىدا تۇل قىلىدۇ ئاشنىلار،
ھەم ئۆزىگە بىركۈنى قۇل قىلىدۇ ئاشنىلار.
ئاشنىلارغا توشىماس تاغدەك ئالتۇن بولسىمۇ،
رازى بولماس ئۇ سەندىن يانچۇق پۇلغا تولسىمۇ،
يالىڭاچ يۈرەر ھەركۈنى قۇر-قۇر كىيىم ئالسىمۇ،
كۆيمەس ھەرگىز سەن ئۈچۈن پارقازانغا سالسىمۇ،
ئوڭ يولۇڭنى بىركۈنى تەتۈر قىلار ئاشنىلار.
مۇددىئاسى ئۇلارنىڭ يىتىم قىلىش بالاڭنى،
قان-زەرداپقا توشقۇزار قەلبىڭدىكى ياراڭنى،
يۇلۇپ بولۇپ ئۈزۈمنى تاشلاپ بېرەر باراڭنى،
تويغۇزارئۇبىركۈنى ئاشنا تۇتقان ساراڭنى،
كۈندىن-كۈنگە قەرزىڭنى مول قىلىدۇ ئاشنىلار.
يۈگۈرەيدۇ كەينىڭدىن توم بولغاچقا يانچۇقۇڭ ،
كۆرۈنىدۇ كۆزۈڭگە بولۇپ ئۇ كۆز قارچۇقۇڭ،
خەجلىمىسەڭ كۈندە پۇل قاپاق تۈرۈپ تېگەرتوڭ،
يۈرۈۋەرسەڭ بۇ يولدا بولماس ھەرگىز ئىشىڭ ئوڭ ،
تۇرمۇشۇڭنى پاتقاققا تولدۇرىدۇ ئاشنىلار.
پۇشايماندا ھەركۈنى ئاشنا تۇتۇپ يۈرگەنلەر،
كۆيگەن قىلدەك تولغىنار ۋاپاسىزنى سۆيگەنلەر.
يىقىلىدۇ ھامىنى تاركوچىدا يۈرگەنلەر،
يوق بىرئۆمۈر ئاشنىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەنلەر،
قوشۇپ دەرتكە-دەردىڭنى غول قىلىدۇئئاشنىلار.
ھالال تەگكەن ئايالغا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار ،
دوستلار شەھۋەت-ھەۋەسنىڭ ھەرگىز قۇلى بولماڭلار.
بالا-چاقا دوست بىلەن كۈندە بىرگە بولۇڭلار،
بىز تۈۋرۈكى بىر ئۆينىڭ ئۆيۈڭلارنى سۆيۈڭلار،
ئۆيۈڭلارغا ئاپەتنى جۆر قىلىدۇ ئاشنىلار.
2014.6.22
127 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-15 9:34:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|