قەلبىم گويا ئۆركەشلىگەن بىر دەريا،
دولقۇن ياساپ ساڭا ئاقسام بولامدۇ؟
سەن گوياكى پۇتمەيدىغان لېرىكا،
ساڭا ئاتاپ شېئىر يازسام بولامدۇ؟
كېيىك بىلەن كۆز تالاشقان كۆزلىرىڭ،
ساڭا ئاتاپ تۇمار پۈتسەم بولامدۇ؟
يۈزلىرىڭدە مىڭ قوياشنىڭ رەڭگى بار،
كىرپىگىڭدە شېئىر يازسام بولامدۇ؟
لەۋلىرىڭمۇ بىنەپشىنىڭ رەڭگىدە،
سۆزلىرىڭنى شەربەت بىلسەم بولامدۇ.
چىشلىرىڭدۇر قاتار-قاتار ئاق چەشمە،
رۇخسارىڭغا شېئىر ئويسام بولامدۇ؟
سەن گوياكى چەكسىزلىكتە بىر ئوكيان،
مەنمۇ سەندەك چەكسىز بولسام بولامدۇ؟
تەبۈسسۈمدە نۇر چاچىدۇ دۇنياسىڭ،
ساڭا سىڭىپ شېئىر يازسام بولامدۇ؟
قار-لەيلىسى(مەرھابا باغۋەن)
219 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 12:50:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|