غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشىغان
باھارگۈل ئىبرايىم
قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ ئەگەر،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشىغان.
غورۇرۇم, ۋىجدانىم, پاكلىقىم بىلەن،
ئاياللىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشىغان.
ئاھ ! بۈگۈن سوندىگۇ غەيرىتىم مانا،
نە قىسمەت بار يەنە غېرىپ باشىمگە.
يارەنلەر كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمەن،
سەۋەبكار بولمىسۇن تۆككەن ياشىمگە.
ئەر بولۇپ يارىلىپ قالغان بولسام دەپ،
ئۆكۈندۈم تۇنجى رەت بۈگۈن ئۆزۈمگە.
ئاغرىنىشقا ھەققىم يوقتۇر تەقدىردىن،
مىڭ شۈكرى ئۆتۋاتقان مۇشۇ كۈنۈمگە.
شۈكرىلەر ئېيتىپ، بەرگەن كۈنۈڭگە،
ئۆم-ئىناق ياشىساق دېدىم ئۆزۈمگە.
لىكىن بۇ مەن ئۈچۈن پەقەتلا ئارمان،
ئاشارمۇ بۇ ئارمان بىر كۈن ئەمەلگە.
ھەيرانلا قالدىمغۇ كىچىك ھەرىگە،
زەھەرلىك تۇرۇپمۇ چېقىشمايدىكەن.
ۋە لىكىن ئىنسانلار زەھەرسىز تۇرۇپ،
ئۆزئارا چېقىشىپ پېتىشمايدىكەن.
ئىنسابلار تىلىدىم ئىنسان كۆڭلىگە،
ھېرىسمەن بولسۇن دەپ چوڭ ۋە كىچىككە.
ھەرچىلىك خىسلەتتىن قالمىسۇن مەھرۇم،
ئۆم-ئىناق ياشىسۇن يېتىپ قەدرىگە.
باي چوڭ كۆۋرۈك
191 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 17:51:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 10:21:53 | م، ئىزچى |
ياخشى يېزىپسىز، بىرىنچى مىسرانىڭ ئاخىردىكىنى ‘’ئەگەر‘’ ئەمەس ‘’گەرچە‘’ دەپ ئالغان بولسىڭىز. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|