ئۈمۈتۋار بول تىك ياشا مەغرۇر
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
بۈگۈن دەرتلەر كەلسە بېشىڭغا،
ئەتە كىلەر بەخىت-خوشاللىق.
قىش كىتىپ كەلسە باھارىڭ،
گۈللەر ئېچىلىپ بۇلۇر گۈلزارلىق.
بۈگۈن ياشلار چۈشسە كۆزۈڭدىن،
ئەتە ئىزدەر كۈلكە ھەم شاتلىق.
ئۈمۈتۋار بول تىك ياشا مەغرۇر،
كىلەر بىركۈنى بەختىڭمۇ تاتلىق.
بۈگۈن ماتەم كەلسە بېشىڭغا،
تويغا مىھمان بۇلىسەن ھامان.
ئۈمۈتلىك بول خوشال ياشىغىن،
ئۈمۈتسىزلىك ھەمىدىن يامان.
ھەر قانچە سۇلسىمۇ قەددى قامىتىڭ،
دوست-دۈشمەنگە ئىللىق كۈلۈپ قوي.
دۈم چۈشۈپ يىقىلسا بىراۋ ئەگەردە،
ياخشىلىق قىل·ئۇنى يۆلەپ قوي.
2015-10-6
99 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 21:43:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|