كەتكىن مەيلى كەت
(ق ب ئەزىزى)
يالغۇزلۇقتا تارتسام مەيلى جەۋرى جاپانى،
كۆرمىسەممۇ چىدالايمەن ياتتىن ۋاپانى ،
يېقىن بولۇپ مەقسەت ئۈچۈن تاتلاپ يارانى،
كەلگەن يېقىن يېقىن ئەمەس،كەتكىن مەيلى كەت.
نامرات بولسام مەيلى لېكىن غۇرۇرۇم بايدۇر،
كۇچۇكلىنىپ خۇشامەتكە ھېچ رايىم يوقتۇر،
كۆز قارنىممۇ بارى يوققا بىلىپ قوي توقتۇر،
يالغانلارغا كۈنەلمەيمەن ،كەتكىن مەيلى كەت.
ئۈزۈم كەم سۆز بىراق كۆڭلۈم شۇنچىلىك ئاپئاق ،
بۇلالايمەن يوقسىزغىمۇ تۇمۇزدا ياپراق،
شۇڭا چىن دوست مىنى بىلگەچ ماڭاھەم ئامراق ،
ھىلىگەرنىڭ خىلىمەسمەن ،كەتكىن مەيلى كەت.
2017.6.17
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
83 قېتىم كۆرۈلدى | قۇربان بارى ئەزىزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-20 12:25:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|