يېنىڭدىكى مەن
سەيپىدىن ئامۇت
سۆيدۇم سېنى دىلدىن ئىختىيار،
قىلمىغايسەن ئەقىدەمنى خار.
گەركى ئېچىپ كۆرگۈچى بولساڭ،
يۈرۈكۈمدە پەقەت سەنلا بار.
بىرلا دانە ۋۇجۇدۇمدا سەن،
بارلىغىمنى ئۆزۈڭگە ئۇتقان.
ئۆركەش ياساپ سەن گويا تامام،
غورۇرۇمدا ئاققان قىزىل قان.
سىياقىڭدا ھۆرلەر ئۈزىدۇ،
گۈزەللىكىڭ ھىلالغا ئەنداز.
مەن ئىشقىڭدا يۈرگەن ئارمان قۇش،
ئەتراپىڭدا قىلىمەن پەرۋاز.
كۆزلىرىمدە كۆزلىرىڭ ئوينار،
قاراقلار ئۇ ئۇچراشقان ۋاقىت.
بىلگىنىڭدە يېنىڭدىكى مەن،
سۆيگۈڭ ئۈچۈن يارالغان يىگىت.
2015.3 ئاۋغۇست
138 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 9:35:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 15:14:51 | alimjan |
Nahayti yahxi yiziliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|